تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بازار تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن فوتوسى، خەۋىرى): چاغان مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدىكى «84» دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىش ئورۇنلىرىغا قايتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى، كارخانىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر ئىش ئورۇنلىرىدا تەق بولۇپ، بازار ئېھتىياجىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  1-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ جيانىڭ «84» دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ كىچىك ئورالمىلىق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، بەش-ئالتە نەپەر ئايال ئىشچىنىڭ ئاقما لىنىيەدە ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى ئىشچى ما سۈنمېي مۇنداق دېدى: «چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىن باشلاپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدۇق، چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقنى ئىش ئورنىمىزدا يېدۇق، بۈگۈنمۇ بالدۇرلا كېلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىۋەتتۇق، ھازىرغىچە ئالدىراش ئىشلەۋاتىمىز».

  ما سۈنمېي يەشىكلەرگە قاچىلانغان دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېغىزنى ئېتىش خىزمىتىگە مەسئۇل، بىر يەشىككە 30 بوتۇلكا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاچىلىنىدىغان بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 15 كىلوگىرام كېلىدۇ. يەشىك ئېغىزلىرىنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىن، ما سۈنمېي دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى كود ئۇرۇش سۇپىسىغا ئالىدۇ.

  بۇ كارخانىدا خىزمەت قىلغىلى يەتتە يىل بولغان، ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئىشچىسى ۋاڭ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مېنىڭ تېگىشلىك ئىشىم، بۇ ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشقىنىم».

  شىنجاڭ جيانىڭ «84» دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىدە ئىككى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بار بولۇپ، بىر لىنىيەدە كىچىك ئورالمىلىق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، يەنە بىر لىنىيەدە تۇڭلۇق(تۇڭغا قاچىلانغان) دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىغا بولغان ئېھتىياج تېز سۈرئەتتە بىلەن ئاشتى، كارخانىلارنىڭ چوڭ ئوراش-قاچىلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىمۇ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى.

  مۇخبىر ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا 3-4 ئاپتوموبىلغا مال قاچىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى. «بىز تۇڭلۇق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىدىن ئىككى توننا سېتىۋالدۇق، ئەتە ھەر قايسى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز» دېدى ئۈرۈمچى جياخې ۋەنشىشىڭ سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سېتىۋېلىشقا مەسئۇل دىرېكتورى سۈن جيەن.

  شىنجاڭ جيانىڭ «84» دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىدە 30دىن ئارتۇق خىزمەتچى بار بولۇپ، بازار ئېھتىياجىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ كارخانا 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ 24 سائەتلىك ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويغان، خىزمەتچىلەر نۆۋەتلىشىپ ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلىگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، خېرىدارلارنىڭ دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىغا بولغان ئېھتىياجى 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ تەدرىجىي ئاشقان، 1-ئاينىڭ 24-،25- كۈنلىرى بۇ كارخانا كۈنىگە 800 يەشىك كىچىك ئورالمىلىق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، 100-80 توننا تۇڭلىق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقارغان.

   مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، بازار ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ