تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىدىن شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەنلەرگە يېزىلغان بىر پارچە خەت

   خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىدىن شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن ھەرقايسى خادىملار:

   ياخشىمۇ سىلەر!

   يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ۋەزىيىتى كەسكىن بولماقتا. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىمەكتە.

   يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلىشىش سىز ۋە سىزنىڭ ئائىلىڭىز ھەم پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قانۇنى»دا تەلەپ قىلىنغان ھەر بىر پۇقرانىڭ زېممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز تۆۋەندىكى بىر قانچە تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويىمىز: يېقىنقى بىر ئايدا خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىدىن شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن خادىملاردىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىشىنى سورايمىز.

   بىرىنچى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيدە 15 كۈن ئايرىلىپ تۇرۇڭ، 15 كۈن ئىچىدە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىڭىزنى يوقلىماڭ، باشقىلار بىلەن ئۇچراشماڭ. 15 كۈندىن كېيىن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىسە ئايرىلىپ تۇرۇشنى بىكار قىلسىڭىز بولىدۇ.

   ئىككىنچى، قىزىش، يۆتىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، دەرھال ماسكا تاقاپ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بېكىتكەن 212 نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتىغا بېرىپ ئەتراپلىق تەكشۈرتۈڭ. بىۋاسىتە دوختۇرخانىنىڭ قىزىتما ئامبولاتورىيەسىگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىڭ، باشقا بۆلۈملىرىگە بارماڭ. تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوختۇرغا ۋۇخەندىكى ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىڭىزنى ئېيتىڭ.

   ئۈچىنچى، ئائىلە ئەزالىرىڭىزنىڭ مۇداپىئەلىنىشىنى ياخشى قىلىڭ، ئامال بار ئىجتىمائىي پائالىيەتلارگە قاتناشماڭ، ئۆيدە مېھمان كۈتمەڭ. ئۆي ئىچىنى  شامالدىتىپھاۋاسىنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ، ئۆي جاھازىلىرى، بۇيۇملىرىنى كۈندە تازىلاڭ ھەم قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇرۇڭ.

   شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تىزگىنلىسەك، چوقۇم بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىمىز!

   پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزۈشىنى، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تېلەيمىز!

    مەسلىھەت سوراش تېلېفون نومۇرى: 12320-0991

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى