تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى توغرىسىدىكى ساۋاتلار 2

مۇتەخەسسىس ياخشىمۇسىز،  تۈنۈگۈن خەۋەردە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ئادەمدىن ئادەمگە يوقىدۇ دېيىلىپتۇ، بۇ راستمۇ؟

    ئەڭ يېڭى دەلىل-ئىسپاتلار شۇنى بىلدۈردىكى، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇستا ئادەمدىن ئادەمگە يوقىدىغان ھادىسە مەۋجۇت. يېقىندا، ئايرىم رايونلاردا ئائىلە بويىچە كىرىش خاراكتېرلىك كېسەللىك مىسالى ۋە تېببىي خادىملارنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. قىسمەن كېسەللەرنىڭ ۋۇخەندە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ئاشكارىلىنىش تارىخى يوق. شۇڭا، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە تارقىلىش ئىقتىدارى بار، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئۇنداقتا قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك ؟

    ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ساقلىسىلا، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

    1. ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇشقا توغرا كەلسە، چوقۇم تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىنى تاقىۋېلىش تەكلىپىنى بېرىمىز. 

    2. قولنىڭ پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش. يۆتەلگەندە، تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن، ھايۋانات چىقىرىندىلىرى بىلەن ئۇچراشقان ياكى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم ئېقىن سۇ بىلەن قول يۇيۇش كېرەك ياكى ئىسپىرت تەركىبلىك قول يۇيۇش سۇيۇقلىقى بىلەن قول يۇيۇش كېرەك.

    3. ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، يېپىق، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئاممىۋى سورۇن ۋە ئادەملەر كۆپ يىغىلىدىغان جايلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش، زۆرۈر تېپىلغاندا چوقۇم ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك. يۆتەلگەندە ۋە چۈشكۈرگەندە تازىلىق قەغىزى ياكى جەينەكنى ئېگىپ ئېغىز-بۇرۇننى توسۇپ، چاچراندىلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.  

    4. ئەگەر قىزىش، نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئامال بار سىرتقا چىقىشتىن ساقلىنىش، سىرتقا چىقىش پىلانىنى تەڭشەش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. ئائىلە ئەزالىرىدا نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ئۆز-ئارا ئۇچرىشىشنى ئازايتىش كېرەك. دوختۇرخانىدا داۋالانغاندا ياكى ھەمراھ بولۇپ داۋالانغاندا، چوقۇم مۇۋاپىق ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك.

    5. ۋۇخەندە ساياھەت قىلىش ياكى ئولتۇراقلىشىش تارىخى بولغان ياكى ۋۇخەندىن قايتىپ كەلگەندە قىزىش ۋە نەپەسلىنىش يولىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن بىمارلار بىلەن ئۇچراشقانلاردا 14 كۈن ئىچىدە قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، قۇرۇق يۆتەل قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال  تەكشۈرۈپ داۋالاش، تەلەپكە  ئاساسەن  تېببىي كۆزىتىش ياكى ئايرىۋېتىش كېرەك.

    6 ياخشى بىخەتەر يېمەكلىك ئادىتى، خام  ۋە پىششىق يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەمبەل ۋە تىغلىق سايمانلارنى ئايرىش. تاماق ئەتكەندە گۆش  ۋە تۇخۇمنى تولۇق پىشۇرۇش كېرەك.

    7. ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ياۋايى ھايۋاناتلارنى يېيىشنى توسۇش،  مۇداپىئە قىلىنمىغان ئەھۋالدا ياۋايى ھايۋان ياكى باقمىچىلىق ھايۋانلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئەگەر جىددىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تارماقلىرىنىڭ «مېنى قويۇق ئۇچراشقۇچى» دېگەن ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالسام قانداق قىلىشىم كېرەك؟

    ئالاقزادە بولماي، ئاكتىپ ماسلىشىپ، جىددى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تارماقلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە تېببي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ