تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى يولۇچىلار بېكەتلىرىدە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش يولغا قويۇلۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدى ئېلىندى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر سو رۇڭجى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز  ياڭ خاۋ): يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى يولۇچىلار بېكەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، بېكەتكە كىرگەن-چىققانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، كۆزىتىش ئۆيى تەسىس قىلىش، بېكەت، ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى.

   1–ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۇلار بۇ قېتىملىق يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا «تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى» بېكىتكەن، 70 خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىغا بېرىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرغان.

     «بىز بېكەتكە كىرگەن-چىققان يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشكە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇردۇق» دېدى ئۈرۈمچى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ فۇگو. ئۇلار مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ يېنىغا 20 كىۋادرات مېتىرلىق كۆزىتىش ئۆيى تەسىس قىلىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37 سېلىسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى كۆزىتىش ئۆيىدە ئىككىنچى قېتىم ئۆلچەيدىكەن، ئىككىنچى قېتىم ئۆلچىگەندىن كېيىن گۇمانلىق كېسەللىك ئالامىتى بولسا، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئايرىپ داۋالاش ئېلىپ بارىدىكەن.

    ۋاڭ فۇگو مۇنداق دېدى: بىز ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم بېكەتتە ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇردۇق ھەمدە دېزىنفېكسىيە كۆپۈكچە تابلىتى ئىشلىتىپ يولۇچىلار بىر قەدەر كۆپرەك ئۇچرىشىدىغان رايونلارنى سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىۋاتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر بىر ئاپتوبۇسنىڭ يولغا چىقىشتىن بۇرۇنقى دېزىنفېكسىيە خىزمىتىنى ياخشى قىلىۋاتىمىز.

    «يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن بىللە، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئۆزىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق، ھەر بىر خىزمەتچى تەلەپكە ئاساسەن ماسكا تاقاپ، پەلەي كىيدى» دېدى ۋاڭ فۇگو.

     شۇ كۈنى، مۇخبىر يەنە ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول خەلقئارا ئاپتوموبىل يولۇچىلار بېكىتى، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتى، «1-ئاۋغۇسىت» ھەربىي تەمىنات يولۇچىلار بېكىتىنىڭ خادىملارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى.

     بۇلاردىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاكسى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، BRTلارمۇ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ۋە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاپتوموبىللارنى دېزىنفېكسىيەلەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىغان، ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىمۇ شوپۇرلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ھەمدە شوپۇرلاردىن ئىش ئورنىغا ساغلام چىقىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى