تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

【يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى】 دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇتەخەسسىسلىرى سىزگە توغرا ئۇسۇلنى ئېيتىپ بېرىدۇ

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى توغرىسىدا (4)

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش مەمۇرىيىتى-داۋالاشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

يېقىندىن بۇيان يان تېلېفوندا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار كۆپ بولۇۋاتىدۇ، ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقايدىغان بولدى، بۇنىڭ زادى رولى بارمۇ-يوق؟ زادى قانداق قىلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كېرەك؟

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ قانداق ئالىمىز؟ بۇ ئىشلارنى سىز جەزمەن بىلىشىڭىز كېرەك!

ئادەم زىچ جايلارغا ئىمكانقەدەر ئاز بېرىش، ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىش كېرەك، ھەتتا شىمالدىكى رايونلاردىمۇ قىش پەسلىدە دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قىزىش ياكى يۆتىلىشكە ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، چوقۇم ماسكا تاقاشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ماسكا مەدەنىيىتىنى، چۈشكۈرگەندە قولياغلىق ياكى تازىلىق قەغىزى بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى توسۇۋېلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز.

قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئېغىز-بۇرنىڭىزنى قولىڭىز بىلەن توسۇۋېلىپ چۈشكۈرگەن بولسىڭىز، چوقۇم ئاۋۋال قولىڭىزنى يۇيۇڭ، قولىڭىزنى يۇيماي تۇرۇپلا كۆزىڭىز ياكى شىللىق پەردە ئورۇنلىرىنى ئۇۋۇلىماڭ.

يېقىندىن بۇيان سەل مىجەزىم يوق، يۆتىلىپ، قىزىۋاتىمەن، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانمىغاندىمەن؟ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق! دەرھال تورغا چىقىپ تەكشۈرۈپ باقاي، دورا تېپىپ ئىچەي.

توختاڭ! تورغا چىقىپ تەكشۈرۈش، ئۆزىڭىز دورا تېپىپ يېيىشمۇ ئىشەنچىلىك ئەمەس!

ئۆزىدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ گۇمانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

توردا دېيىلگەن بويىچىلا ئۆزىڭىز دورا يېمەڭ، ئىككى كۈندىلا ياخشى بولۇپ قالىمەن دەپ ئويلاپ، دوختۇرخانىغا بارماي قالماڭ. يۆتىلىش، قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، دوختۇردىن توغرا داۋالاش ياردىمىنى تەلەپ قىلىڭ.

2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسىدە قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى بار، ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەلەرگە بارغاندىمۇ، كەسپىي تېببىي خادىملار بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەيدۇ، بىمارلاردا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەش ئەھۋالى بايقالسا، ماسكا تاقاشنى ئەسكەرتىدۇ ھەمدە قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ تەكشۈرتۈشكە يېتەكلەيدۇ. چۈنكى بۇ پەسىلدە باشقا نەپەس يولى كېسەللىكلىرىمۇ كۆپ يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن: ئېنىق بولغان باشقا نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئىمكانىيىتىنى يوققا چىقارغاندىمۇ، ئېغىر گۇمانلىقلىرى ئايرىۋېتىلىدۇ ۋە كۆزىتىلىدۇ، تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىغا بارغان تەقدىردىمۇ، مەسىلەن: مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىگە بارغاندا، دوختۇرلار كېسەل كۆرگەندە دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئايرىپ، قىزىتمىسى ئۆرلىگەن بىمارنىڭ ئۇچۇرىنى تەپسىلىي خاتىرىلەيدۇ، ئېغىر گۇمانلىقلىرى دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش شەرتىنى ھازىرلىغان 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىغا يۆتكەپ داۋالىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ