تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇتەخەسسىسلەر: ساراسىمگە چۈشمەي، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - ئاسراش ئاچقۇچ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بارغانسېرى كۆپ دىققەت - ئېتىبارنى قوزغىماقتا، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى: ساراسىمگە چۈشمەي، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - ئاسراش ئاچقۇچ.

ئاپتونوم رايونلۇق 6 - خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر مېدىتسىنا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۈن شيەنلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، تىزگىنلىگىلى بولىدىكەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولۇپ، ئاممىنىڭ ئالاقزادە بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. ئاممىغا ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، ئىغۋا تارقاتماسلىقنى، لېكىن تەلەي سىناش خىيالىدا بولماي، ئۆزىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە ساغلام، خاتىرجەم چاغان ئۆتكۈزۈشنى ئەسكەرتىمىز.

«ئامال بار ئۆيدە ئولتۇرۇش، يىغىلىشنى ئازايتىش، ساياھەتكە بارماسلىق، ئادەم زىچ جايلارغا بارماسلىق كېرەك، بۇ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يۇقۇش يوللىرىنى ئازايتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، چۈنكى كېسەلنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى مەۋجۇت.» سۈن شيەنلى مۇنداق دېدى: « ۋۇخەندىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەنلەردە ھېچقانداق كېسەل ئالامىتى كۆرۈلمىسىمۇ، ئاڭلىق ھالدا ئۆيدە ئايرىپ كۆزىتىلىشى كېرەك؛ ئەگەر قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك، قانچىكى بالدۇر بايقالسا، داۋالاش ۋاقتىنى شۇنچە ئۇتقىلى بولىدۇ».

سۈن شيەنلى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە، ئامما ئەڭ ياخشىسى ئېلېكتىرونلۇق ھېيتلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىگە بەخت تىلەپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش نىسبىتىنى ئازايتىشى كېرەك. شەخسلەر ئالدىنى ئېلىش - ئاسراش جەھەتتە، قولنى پات - پات يۇيۇپ تۇرۇش، كۆپرەك ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىنى ساقلاش كېرەك.

ماسكىنى قانداق توغرا تاقاش كېرەك؟ «بىر قېتىملىق ماسكىنىڭ بىر تەرىپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر مېتال بۇرۇن قىسقۇچ بار بولۇپ، چوقۇم قىسىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇرۇن قىسقۇچ بىلەن بۇرۇن ئورنىنى ئۇدۇل كەلتۈرۈش، ئۇنىڭدىن ھاۋا قاچۇرماسلىق كېرەك. ماسكىنى تاقىغاندىن كېيىن، ئىككى قولنىڭ باش بارمىقى، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن يايسىمان شەكىلدە ئېغىز - بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىنى بېسىپ، يېپىق ھالەتتە سىناق قىلىپ، ئەتراپتىن ھاۋا قاچقان - قاچمىغانلىقنى تەكشۈرۈش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئالدىنى ئېلىش - ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.» سۈن شيەنلى ماسكا بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم، تەكرار ئىشلەتمەسلىك كېرەك، دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى