تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول قاتارلىق تارماقلار يۇقۇمنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، سەپەر بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول قاتارلىق تارماقلار 

يۇقۇمنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، سەپەر بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ يى، لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى، تۆمۈريول ئۈرۈمچى ۋوگزالى قاتارلىق قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى نورمال، تەرتىپلىك بولۇپ، ھېلىھەم ئۆيىگە قايتىش يولىدىكى يولۇچىلارنى سەمىمىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تىرانسپورت تارماقلىرى ۋە كارخانىلار ۋاقتىدا قوزغىتىپ يولغا قويغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرى ھەربىر يولۇچىنى سەپەردە تېخىمۇ بىخەتەرلىككە ئىگە قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرگەن. ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن باشلاپ پورتتىن كىرىپ - چىققان يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تاللاپ تەكشۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خادىملارنى تەشكىللەپ نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، يولۇچىلار بۆلمىسى، ئايروپورت ئاپتوموبىللىرى ۋە يۈك - تاق ساقلاش رايونىنى دېزىنفېكسىيە قىلغان، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنىڭ دېرىزىلىرىنى ھەر كۈنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرغان ھەم قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلغان. ئايروپورت جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى ھەر كۈنى قوبۇل قىلغان قىزىغان، گۇمانىي ئاغرىقلارنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، ۋاقتىدا ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىغا قايتما ئىنكاس قىلغان.

مۇخبىرلارنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ھەر كۈنى ئايروپورتتىن چىقىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانى تەخمىنەن 70 نۆۋەت قېتىم بولۇپ، بۇ شىركەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى قوزغىتىپ، كۈندىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيە قىلغان، تۈرلۈك قىزىغان يولۇچىلار كۆرۈلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ئۇچۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قايتىدىن تولۇق دېزىنفېكسىيە قىلغان؛ قىزىغان يولۇچىلار بايقالسا، قەتئىي تۈردە تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى بويىچە مەشغۇلات قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئايروپىلان گۇرۇپپىسىغا سەھىيە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بوغچىسى سەپلەپ، زاپاس ماسكا سانىنى كۆپەيتكەن؛ بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ماسكا، پەلەي، دېزىنفېكسىيە قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق تازىلىق بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەرگەن. بارلىق يولۇچىلار بۆلمىسى خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەر كۈنى پورتتىن چىقىشتىن بۇرۇن بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆلچەنگەن؛

شىنجاڭدىكى يولۇچىلار ئېقىم مىقدارى ئەڭ چوڭ پويىز ۋوگزالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۆمۈريول ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى ۋوگزالغا كىرىپ - چىقىۋاتقان يولۇچىلار سانى ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندىكى يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئازايغان، بىراق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى قىلچە ئاجىزلىمىغان. «بىز ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككى ۋوگزالغا قارىتا دېزىنفېكسىيە قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى زورايتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ساياھەتچىلەر ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.» ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ مۇئاۋىن ۋوگزال باشلىقى ئەنۋەر مۇنداق دېدى: كېچىلىك يولۇچىلارنى يولغا سېلىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملىرىمىز پويىز كۈتۈش زالى، بېلەت سېتىش زالى قاتارلىق ئادەملەر زىچ سورۇنلارنى تولۇق دېزىنفېكسىيە قىلدى، كۈندۈزىمۇ بۇ سورۇنلارنى توختىماي دېزىنفېكسىيە قىلدى. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋوگزال ئىچىگە 40 تېببىي خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋوگزالدىن چىققان يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى، قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلەر بايقالغان ھامان قالدۇرۇپ كۆزىتىش ئۆيىگە ئېلىپ كىردى. سىرتقى جايلاردىن ۋوگزالغا كەلگەن يولۇچىلارغا قارىتا، بەدەن تېمپېراتۇرىسىدا نورمالسىزلىق ئەھۋالى بايقالغان ھامان، كېسەلنى كونترول قىلىش خادىملىرى ۋوگزال سۇپىسىغا چىقىپ بىر تەرەپ قىلدى.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا كىرگەنلەر زىچ بولىدىغان ئاساسلىق ۋوگزاللاردا، خىزمەتچى خادىملارغا ماسكا تارقىتىپ بېرىلدى، ۋۇخەن يۆنىلىشىدىن كەلگەن يولۇچىلارغا مەخسۇس يول تەسىس قىلىنىپ ھەم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى. تۆمۈريول تارماقلىرى پائال سەھىيە تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىش، بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تۆمۈريولنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمالسىز بولغان يولۇچىلارنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئايرىۋەتتى ھەم كېسەلنى تىزگىنلەش تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋوگزال، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، ياخشى تازىلىق مۇھىتىنى ساقلاپ، يېشىل يول تەسىس قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋوگزال ۋە پويىز رادىيوسى قاتارلىقلاردا مۇلازىمەت ئۇچۇرى ئېلان قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سەھىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى