تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالاقزادە بولماڭ، مۇتەخەسسىسلەر ماسكا تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش، قىزىش ئالامىتى بولسا دەرھال داۋالىنىشنى ئەسكەرتىدۇ

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن خەۋىرى): بەنلەنگېن ئىچسە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ كۆپ قەۋەتلىك ماسكىنىڭ مۇداپىئەلىنىش رولى بولامدۇ؟ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشىغا ئەگىشىپ، راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان ھەر خىل ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى توردا كۆپىيىپ كەتتى. 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بويىچە نۇقتا قىلىپ بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى بۇ ھەقتە پەننى ئومۇملاشتۇرۇپ چۈشەنچە بەردى.

   «نۆۋەتتە شىنجاڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئىككى كېسەلنىڭ ھەممىسى كىرگۈزۈش خاراكتېرلىك كېسەللىك مىسالى بولۇپ، ھازىر كېسەللەرنىڭ ئەھۋالى مۇقىم، كۆپچىلىك زىيادە ئالاقزادە بولۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. كۈندىلىك خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شۈ جۈن مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدە كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارغا ئاز بېرىش، ئۆي ئىچىدە مۇۋاپىق ھاۋا ئالماشتۇرۇش، قول تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، يۆتەلگەندە، تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن، ھايۋانات چىقىرىندىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ياكى ئۇنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئېقىۋاتقان سۇدا قولنى يۇيۇش ياكى تەركىبىدە ئىسپىرت بولغان قول سۈرتۈش سۇيۇقلۇقىدا قولنى سۈرتۈش كېرەك. شۈ جۈن ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ۋە ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كېسەللىكتىن مۇداپىئەلىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.

   توردا تارقىلىپ يۈرگەن «ۋىرۇس <ئىسپىرتتىن قورقىدۇ>، ھاراق ئىچكەندە ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ»، «ئالدىن بەنلەنگېن ئىچسە، ئالدىنى ئېلىش رولى بولىدۇ» دېگەندەك قاراشلارغا قارىتا، شۈ جۈن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھاراق ئىچىش، ھورداققا چۈشۈش ئارقىلىق ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق قاراشلار پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ، ئىسپىرتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى مەلۇم قويۇقلۇقتىكى ئىسپىرت بىلەن قولنى سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بەنلەنگېن ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، ۋىرۇسلۇق زۇكام قاتارلىق ئىسسىق خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدۇ، تەتقىقاتتا تېخىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارىتا ئېنىق ئۈنۈمى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلمىدى. ئۆي ئىچىدە ئاچچىقسۇ قاينىتىش قاتارلىق ئاتالمىش ئالدىنى ئېلىش رېتسېپلىرىنىڭمۇ ئىلمىي ئاساسى يوق. كۆپچىلىك توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىكى، قىزىش ياكى نەپەس يولى بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتىغا بالدۇرراق بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك.

   ماسكىنى قانداق تاقىغاندا شەخسىي مۇداپىئەنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟ شۈ جۈن يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى پاختا ماسكا ياكى يېڭى تىپتىكى ماتېرىيالدىن ئىشلەنگەن ماسكىلار بىلەن كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملاردىن ئانچە ياخشى مۇداپىئەلەنگىلى بولمايدۇ، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى ماسكىسىنى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئادەتتە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى ماسكىسى ئۈچ قەۋەت بولۇپ، قان، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ماسكىدىن ئۆتۈپ، تاقىغۇچىنى بۇلغىشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ، باكتېرىيەنى سۈزۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. «ئادەتتە كۆپچىلىك ئاممىۋى سورۇنلاردا كېسەللەر بىلەن ئۇچراشماسلىق ئۈچۈن، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى ماسكىسىنى تاقاپ مۇداپىئەلەنسىلا بولىدۇ.» ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېسەل بىلەن ئۇچراشقان تېببىي خادىملار، ئائىلە تەۋەلەر تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماسكىسىنى تاقىۋېلىشى كېرەك، ئۆزىدە يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئاممىۋى سورۇنلاردا ماسكا تاقىۋېلىپ ياكى قەغەز، كىيىم-كېچەك بىلەن توسۇپ، كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ تارقىلىشنى ئازايتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ