تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ كۆپ خىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا «زەربە بەردى»

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر كاڭ خاۋيەن خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، كىرگۈزۈش خاراكتېرلىك ئىككى كېسەللىك مىسالىنى تۇنجى قېتىم بېكىتتى. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، كېسەلنى ئايرىپ داۋالاش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون بويىچە 16 (بىڭتۇەندىكى نۇقتا قىلىپ بەلگىلەنگەن بىر دوختۇرخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) نۇقتا قىلىپ بەلگىلەنگەن قۇتقۇزۇش دوختۇرخانىسى ئېلان قىلىنغان، 212 داۋالاش ئاپپاراتىدا قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىنغان ھەمدە ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلاردا بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، كونترول قىلىش كۈچەيتىلىپ، كېسەللىك مىسالىنى كۆزىتىش-تەكشۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەنگەن.

    «ۋۇخەن شەھىرىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىمۇ سەھىيە جىددىي قۇتقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش تەدبىرى ۋە تېخنىكا لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى.» ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش مەمۇرىيىتى-داۋالاش باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى مو لياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمغا ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بىرلەشمە مۇداپىئە قىلىش، بىرلەشمە كونترول قىلىش «ئۆتكىلىنى ئالدىغا يۆتكەش» خىزمىتىدە، شىنجاڭ كېسەللىكنى كۆزىتىش-تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، مېترو بېكىتى، ئاپتوموبىل بېكىتى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، قەرەللىك بازار قاتارلىق ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلاردا ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن. ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇش نۇقتىسى، 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى 212 داۋالاش ئاپپاراتىدا قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بالدۇر بايقاش، بالدۇر مەلۇم قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش»نى ئىشقا ئاشۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ سەھىيە-ساغلاملىق تارمىقى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتى، جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە يولۇچىلارغا قارىتىلغان سەھىيە-كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىرلەشمە مۇداپىئە، بىرلەشمە كونترول قىلىش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن.

   «شىنجاڭ 55 داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر ئەترىتىنى بېكىتىپ، <كېسەللەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇشنى مەركەزلەشتۈرۈپ>نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۇمانلىق كېسەللىك مىساللىرىنى نۇقتا قىلىپ بېكىتكەن دوختۇرخانىلاردا مەركەزلەشتۈرۈپ دىياگنوز قويۇپ بېكىتىش ۋە قۇتقۇزۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئېغىر كېسەللەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئازايتىدۇ.» مو لياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بويىچە نۇقتا قىلىپ بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش دوختۇرخانىسىدىن 16سى قۇرۇلدى (بىڭتۇەندىكى نۇقتا قىلىپ بېكىتىلگەن بىر دوختۇرخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، مۇتەخەسسىسلەر يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش ۋە قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش ۋە تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.

   يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارغا قارىتىلغان ئىز قوغلاش ۋە تۈرگە ئايرىپ كۆزىتىپ باشقۇرۇش، تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ، گۇمانلىق كېسەللىك مىساللىرى ۋە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارغا قارىتا ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش يولغا قويۇلىدۇ. ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش تەييارلىقىدا، يەنە تەكشۈرۈش رېئاكتىپى، دورا، خورىما ماتېرىيال، مۇداپىئە سايمانلىرى قاتارلىق تۈرلۈك داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى تەمىناتى بويىچە زاپاس ساقلاش كۈچەيتىلىدۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئايرىۋېتىلگەنلەر ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا كېسەل كارىۋىتى قالدۇرۇلىدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى (قەرەللىك بازار)نى قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە قاتتىق كونترول قىلىپ، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سېتىش قىلمىشىنى قەتئىي چەكلەيدۇ. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىساللىرىنى كۈندىلىك دوكلات قىلىش ۋە نۆل دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى، جايلار، ئورۇنلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى بويىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىساللىرى، گۇمانلىق كېسەللىك مىساللىرى ۋە كېسەللىك مىساللىرى بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقانلار سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ ھەر كۈنى يۇقىرىغا يوللايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرىمۇ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىق قوللانمىسى ئېلان قىلىپ، كەڭ ئاممىنىڭ شەخسىي مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ