تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك، ياخشى ئىشلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىننىڭ 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كىرىش خاراكتېرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى تۇنجى قېتىم جەزملەشتۈرۈلگەن، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، كېسەللىك مىسالىنى ئايرىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى ئېچىپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن 16 دوختۇرخانىنى ئېلان قىلغان ھەم كېسەللىك مىسالىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، تاللاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش مەمۇرىيىتى، داۋالاشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى مو لياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: ئاپتونوم رايونىمىز كېسەللىك مىسالىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، تاللاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى مۇددەتتىن بۇرۇن زورايتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلاردا ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىغان. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان، 2 - دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك 212 داۋالاش ئاپپاراتىدا قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى ئېچىلغان، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن.

«ئاپتونوم رايونىمىز قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى تەشكىللىدى، <ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈش> پىرىنسىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۇمانىي كېسەللىك مىسالىغا بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلاردا مەركەزلەشتۈرۈپ ئېنىق دىياگنوز قويۇشقا ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاغرىقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە ئېغىر كېسەل يۈزبېرىش نىسبىتىنى ئازايتىدۇ.» مو لياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىن جەمئىي 16نى قۇردى (بىڭتۇەندىكى بېكىتىلگەن بىر دوختۇرخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، مۇتەخەسسىسلەر يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇش - داۋالاش ۋە قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىگە قارىتا كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش - يۆلەش ۋە تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن قويۇق ئۇچراشقانلارنى ئىز قوغلاش، تۈرگە ئايرىپ كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش ۋە تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، گۇمانلىق كېسەللىك مىسالى ۋە قويۇق ئۇچراشقانلارغا قارىتا ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشنى يولغا قويىدۇ. تەكشۈرۈپ ئۆلچەش رېئاكتىپى، دورا بۇيۇملار، ئۇپرىما ماتېرىيال، مۇداپىئە جابدۇقلىرى قاتارلىق تۈرلۈك داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى، تەمىناتى، زاپىسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئالدىن بەلگىلىك مىقداردا ئايرىش كېسەل كارىۋىتىنى قالدۇرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك (بازارلىرى) سودا بازارلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، قاتتىق كونترول قىلىپ، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ياۋايى ھايۋانلارنى سېتىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي چەكلەيدۇ. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىنى كۈندىلىك دوكلات قىلىش ۋە نۆل دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ھەر كۈنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى، گۇمانىي كېسەللىك مىسالى ۋە كېسەللىك مىسالى بىلەن زىچ ئۇچراشقانلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ يۇقىرىغا يوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى