تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا كىرىش خاراكتېرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا تۇنجى قېتىم ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مىسالىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى تۇنجى قېتىم جەزملەشتۈردى.

ئاغرىق لىx، ئەر، 47 ياش، 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ۋۇخەنگە ئۆگىنىشكە بارغان، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇلى سىرقىراپ ئاغرىش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ ئايرىپ داۋالانغان. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنى كونترول قىلىش مەركىزى ۋىرۇسنى نۇكلېئىك كىسلاتالىق تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەندە، نەتىجىسى مۇسبەت بولۇپ چىققان. 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى دىياگنوز قويۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بۇ كېسەللىك مىسالىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى ئىكەنلىكىنى باھالاپ جەزملەشتۈردى. ھازىر، بۇ ئاغرىق داۋاملىق بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا ئايرىپ داۋالىنىۋاتىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلىق.

ئاغرىق گۇx، ئەر، 52 ياش، ئۇزاق مەزگىل ۋۇخەندە خىزمەت قىلغان، 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇلى سىرقىراپ ئاغرىش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ ئايرىپ داۋالانغان. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنى كونترول قىلىش مەركىزى ۋىرۇسنى نۇكلېئىك كىسلاتالىق تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەندە، نەتىجىسى مۇسبەت بولۇپ چىققان. 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى دىياگنوز قويۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بۇ كېسەللىك مىسالىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى ئىكەنلىكىنى باھالاپ جەزملەشتۈردى. ھازىر، بۇ ئاغرىق داۋاملىق بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا ئايرىپ داۋالىنىۋاتىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلىق.

ئاپتونوم رايونىمىز ئىككى ئاغرىق بىلەن قويۇق ئۇچراشقان ئۈچ كىشىنى ئايرىپ تېببېي كۆزىتىشنى قانات يايدۇردى، نۆۋەتتە قىزىش قاتارلىق نورمالسىز ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل