تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى

تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تىزگىنلەپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە رېئال تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشى، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ياخشى تۇتۇشى كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ۋە خەۋپ - خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، يېتەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش»كە كۈچ سەرپ قىلىپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون ھالقىپ، چېگرا ھالقىپ تارقىلىش، كېڭىيىش خەۋپ - خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئىلمىي پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىلمىي پىلانلاپ، قېلىپلاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆز ئىشىكىگە ياخشى قاراپ، ئۆز ئادەملىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆي قۇشلىرى، ئۆي ھايۋانلىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، ياۋايى ھايۋانلارغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە «كىرىش ئېغىزى ئۆتكىلى»نى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. كىرىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق سورۇنلاردا كېسەلنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، تاللاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، يولۇچىلار بېكىتى ۋە ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان ئورۇنلارغا ئاپتوماتىك بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى سەپلەش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش كېرەك. قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، يۇقۇمنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، داۋالاش - قۇتقۇزۇش، مۇۋاپىق كۆزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە تەربىيەلەشنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك دوختۇرخانىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، دوختۇرخانىلاردا يۇقۇملىنىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاممىۋى پىكىرنى يېتەكلەش ۋە ئۇچۇر ئېلان قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشكارا، ئېنىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلگەنگە ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىپ، تەييارلىقنى پۇختا قىلىشى كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىككە كەلگەن، رايونلار ماسلاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە كۆپ تارماق قاتناشقان بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ ھەمكارلىشىش، ئورتاق كۈچەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. نازارەت قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر، قايتما ئىنكاسنىڭ ۋاقتىدا، توغرا بولۇشىغا، ئەمر - پەرمانلارنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن مانەن زەينەل، مەڭلىك سىيىت، ليۇ جيەنشىن، ئىلھام سابىر، لۇ شۈپىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى