تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى: ماسكا تاقاش، قولنى پات -پات يۇيۇپ تۇرۇش، ئەگەر قىزىش ئەھۋالى كۆرۈلسە بالدۇر تەكشۈرتۈپ داۋالىنىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىشىغا ئەگىشىپ، توردا راست - يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش تەس بولغان تۈرلۈك «چارە»لەر كۆپىيىشكە باشلىدى. 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايوندىكى قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلاردىكى مۇتەخەسسىسلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا ئىلمىي چۈشەنچە بەردى.

«نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئىككى ئاغرىقنىڭ ھەممىسى كىرىش خاراكتېرلىك كېسەللىك مىسالى، ھازىر ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالى مۇقىم، ئاممىنىڭ زىيادە ئالاقزادە بولۇپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. كۈندىلىك خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا، ئۆزى مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەشكە دىققەت قىلىش زۆرۈر.» ئاپتونوم رايونلۇق كۆكرەك كېسەللەر دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسى داۋالاش كەسپىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شۈ جۈن مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارغا ئىمكانقەدەر ئاز بېرىش، ئائىلىدە ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى مۇۋاپىق ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، قولنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، يەنى يۆتەلگەندە، تاماقتىن بۇرۇن، ھاجەتتىن كېيىن، ھايۋانات چىقىرىندىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن ياكى ئۇنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، قولنى ئېقىپ تۇرىدىغان سۇدا يۇيۇش ياكى ئىسپىرت تەركىبلىك، يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز بولغان قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش كېرەك. ئۇ مۇنداق ئەسكەرتتى: مۇۋاپىق غىزالىنىش ۋە ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش، يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىشمۇ ناھايىتى مۇھىم، بۇ، بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىشكە پايدىلىق.

توردا ھازىر تارقىلىپ يۈرگەن «ھاراق ئىچسە ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ» «ئالدىن بەنلەنگېن ئىچسە، مۇداپىئەلىنىش رولى بار» قاتارلىق تۈرلۈك قاراشلارغا قارىتا، شۈ جۈن مۇنداق چۈشەنچە بەردى: ھاراق ئىچىپ، ھورداققا چۈشۈپ ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق قاراشلار پۈتۈنلەي ئاساسسىز، ئىسپىرتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى بەلگىلىك قويۇقلۇقتىكى ئىسپىرت بىلەن قولنى سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيەلەشنى كۆرسىتىدۇ. بەنلەنگېن قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، ۋىرۇسلۇق زۇكام قاتارلىق ئىسسىقلىقتىن بولغان كېسەللەرنى داۋالاشقا ماس كېلىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارىتا ئېنىق داۋالاش ئۈنۈمى بارلىقى تېخىچە تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلانمىدى، ئۆي ئىچىدە ئاچچىقسۇ قاينىتىش قاتارلىق ئاتالمىش ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن رېتسېپنىڭمۇ ئىلمىي ئاساسى يوق. كۆپچىلىك توردا ئېقىپ يۈرگەن گەپلەرگە ئىشىنىپ كەتمەي، قىزىش ياكى نەپەس يولى بىئارام بولۇش كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسىلا، مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بالدۇر بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ئېنىق دىياگنوز قويدۇرۇشى ۋە داۋالىنىشى كېرەك.

ماسكا تاقاپ شەخسىي مۇداپىئەنى كۈچەيتىش توغرىسىدا، شۈ جۈن يەنە بىر قېتىم مۇنداق ئەسكەرتتى: ئادەتتىكى پاختا ماسكا ياكى يېڭى تىپتىكى ماتېرىيالدىن ئىشلەنگەن ماسكا قاتارلىقلار كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئالدىنى ئانچە ياخشى ئالالمايدۇ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللەر ماسكىسى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئادەتتە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللەر ماسكىسى ئۈچ قەۋەت بولۇپ، قان سۇيۇقلۇقى، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ماسكىدىن ئۆتۈپ ماسكا تاقىغۇچىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى توسۇيالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە باكتېرىيەنى سۈزۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك. «كۆپچىلىك ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاغرىقلار بىلەن ئۇچراشماي، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللەر ماسكىسىنى تاقاپ مۇداپىئەلەنسىلا بولىدۇ.» ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاغرىقلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان تېببېي خادىملار، ئائىلە تەۋەلىرى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماسكىسى تاقىشى زۆرۈر، ئەگەر ئۆزىدە يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئاممىۋى سورۇنلاردىمۇ ماسكا تاقىشى ياكى قەغەز، كىيىم بىلەن توسۇپ، كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى