تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇتەخەسسىس ئەسكەرتمىسى: ماسكا تاقاڭ، قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇڭ، قىزىش ئالامىتى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن خەۋىرى): بەنلەنگېن(板蓝根) ئىچسە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ كۆپ قەۋەتلىك ماسكا تاقىۋالسا، ئاندىن مۇداپىئە رولى بولامدۇ؟ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانسىرى، توردا راست-يالغانلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى كۆپىيىپ تارقالدى. 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنى نۇقتىلىق داۋالاش دوختۇرخانىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە ئىلمىي چۈشەنچە بەردى.

  «شىنجاڭ ئېنىق دىياگنوز قويغان ئىككى بىمارنىڭ ھەممىسى كىرىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ھازىر بىمارنىڭ ئەھۋالى مۇقىم، كۆپچىلىك زىيادە ئالاقزادە بولۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. كۈندىلىك خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا ئۆزىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شۈ جۈن مۇنداق دېدى: ئادەم زىچ جايلارغا ئاز بېرىش، ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى مۇۋاپىق ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، يۆتەلگەندە، تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن، ھايۋانات چىقىرىندىلىرى بىلەن ئۇچراشقان ياكى ئۇنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئېقىن سۇدا قولنى يۇيۇش ياكى ئىسپىرت تەركىبلىك قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا قولنى يۇيۇش كېرەك. شۈ جۈن ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: مۇۋاپىق ۋە ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاپ، يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، بۇ بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە كېسەللىكتىن مۇداپىئەلىنىشكە پايدىلىق.

  توردا تارقالغان ھەرخىل «ۋىرۇس <ئىسپىرتتىن قورقىدۇ>، ھاراق ئىچسە ۋىرۇسقا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ»، «مۇددەتتىن بۇرۇن بەنلەنگېن(板蓝根) ئىچسە ئالدىنى ئېلىش رولى بار» دېگەندەك قاراشلارغا قارىتا، شۈ جۈن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھاراق ئىچىش، ھورداق بىلەن ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق قاراشلار پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ، ئىسپىرتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى بەلگىلىك قويۇقلۇقتىكى ئىسپىرت بىلەن قولنى سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بەنلەنگېن(板蓝根) بولسا ئىسسىق شاماللىق زۇكام، ۋىرۇسلۇق زۇكام قاتارلىق ئىسسىق خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ماس كېلىدۇ، تېخى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنى داۋاش ئېنىق تەتقىق قىلىپ چىقىلغىنى يوق. ئۆي ئىچىدە ئاچچىقسۇ قاينىتىش قاتارلىق ئاتالمىش ئالدىنى ئېلىش رېتسىپلىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق. كۆپچىلىك توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىكى، قىزىش ياكى نەپەس يولى بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بالدۇرراق بېرىپ داۋالىنىشى كېرەك.

  ماسكىنى قانداق تاقىغاندا شەخسىي مۇداپىئەنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟ شۈ جۈن يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى پاختا ماسكا ياكى يېڭى تىپتىكى ماتېرىيالدىن ياسالغان ماسكا قاتارلىقلار كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ماددىلارنىڭ ئالدىنى ئانچە ياخشى ئالالمايدۇ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىنى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئادەتتە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ، قان، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ماسكىدىن ئۆتۈپ بۇلغىشىنى توسىدۇ، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. «ئادەتتە كۆپچىلىك ئاممىۋى سورۇنلاردا بىمارلار بىلەن ئۇچراشماي، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىنى تاقىۋالسا مۇداپىئە كۆرەلەيدۇ.» ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىمار بىلەن ئۇچراشقان دوختۇرلار، ئائىلە ئەزالىرى دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان قوغدىنىش ماسكىسىنى تاقىۋىلىشى كېرەك، ئەگەر ئۆزىدە يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئاممىۋى سورۇنلاردا ماسكا تاقىشى ياكى تازىلىق قەغىزى، كىيىم-كېچەك بىلەن توسۇپ، كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ