تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنى مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت بەرگەن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلىرىدىن رازى بولۇپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2020 - يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمىن شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى