ھازىر دەل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان پەيت، ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن قايتا ئاتلىنايلى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھازىر دەل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان پەيت، ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن قايتا ئاتلىنايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىندىن كۆرۈنۈشلەر

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي

1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە ۋەكىللەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلىماقتا.

1- ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە «خەلق ئۈلگىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن ۋەكىل بۇرماقان مولدۇ يىغىن مەيدانىغا كىرمەكتە.

1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى قاراپ چىقىش ئارىلىقىدا، ۋەكىل جۇماتاي ئېبېك (سولدىن 3 - كىشى) چارۋىچىلىق رايونىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇش - داۋالاش توغرىسىدا تۇرۇشلۇق مېھمانخانىسىنىڭ داۋالاش ئۆيىدىكى دوختۇردىن مەسلىھەت سورىماقتا.

1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ۋەكىل رۇقىيە مەتسەيدى (سولدىن 3 - كىشى) گۇرۇپپا يىغىنى ئارىلىقىدا باشقا ۋەكىللەر بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ۋەكىل ۋاڭ گۈيجېن (ئوڭدىن 1 - كىشى) مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ناھايىتى شەرەپلىك ئىش ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقىدەكلا قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئايگۈل ئەخمەتنىياز (ئوتتۇرىدا) گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى جىن شەن گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە، ئادۋوكاتلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ياش ئادۋوكاتلارنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى شيې لىلى (ئوڭدىن 2 - كىشى) گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئارىلىقىدا، ئەزالار بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى.

1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى تەن چېڭجۈن (ئوڭدىن 1 - كىشى) باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ قانداق قىلىپ بايلىققا تايىنىپ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، كىرىمىنى ئاشۇرۇشى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشقان ئەزالار يىغىن مەيدانىدىن چىقماقتا.

1 - ئايدىكى شىنجاڭدا، ئىتتىپاق، ئىناق، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. قىشتىكى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، قەلبى ئىللىقلىققا تولدى.

بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىدىغان يىل. يېڭى يۆنىلىش، يېڭى بۇرچ، بۇ يىلقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى.

بۇ دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىدىغان يىغىن؛ بۇ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يىغىن؛ بۇ غەيرەت - جاسارەتكە تولغان، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان يىغىن. ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۈستىدە كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىش، خەلق تۇرمۇشى، خەلق ئەھۋالىنى بايان قىلىش، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش... «ئىككى يىغىن ۋاقتى»دا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللەر، ئەزالار خەلقنىڭ رايى ۋە ئۈمىدىنى ئېلىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە قايناق ھېسسىيات بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتىن ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقىچە، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتىن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكىچە، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكىچە... گەپ - سۆزلەرگە ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى، سەمىمىيىتى سىڭگەن. ئۇلار ياخشى مەسلىھەت بېرىپ، ياخشى تەدبىر كۆرسىتىپ، ئەقىل - پاراسىتىنى قوشۇپ، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ، قىشتا ئارزۇغا يېتىش يولىدىكى باھار ناخشىسىنى بىرلىكتە ياڭراتتى.

تەرەققىياتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلۈپ بولدى، ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسى چېلىندى. ئارزۇ ئاسمىنى ئاستىدا، كىشىلەر قەلبى ئالغا ئىنتىلدى، ھەممە مەۋجۇدات جۇش ئۇرۇپ جانلاندى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت «ئىككى 100 يىل»نىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە پەقەت كۈرەش قىلىشقىلا توغرا كېلىدۇ.

يەلكەن ھەمكارلىق ئىچىدە كۆتۈرۈلدى، قاناتلار تەڭ ئېچىلدى. بىز قان - تەرىمىز بىلەن سۇغىرىپ ھوسۇل ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇلۇغ دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى.

سۈرەتلەرنى شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لۇ مىنيى، سۈي جىجيەن، شيې لۇڭ، زوۋ يى تارتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى