تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى

(2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىلنىڭ مۇھىم پەيتىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن چۈەنگو ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيەدىكى رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى، چوڭ يىغىندا قىلىنغان سۆزلەرنى ئاڭلىدى، گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى، ئەزالار بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات زور پىلانلىرىنى كېڭەشتى. يىغىن رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىننىڭ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى، مۇئاۋىن رەئىس مۇتەللىپ ئوبۇلنىڭ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى. ئەزالار ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى، رەئىس شۆھرەت زاكىر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى مۇزاكىرە قىلدى، يۇقىرىدىكى دوكلاتلارغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ھەم تەكلىپ - پىكىرلەرنى بەردى. بارلىق ئەزالار يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ، مۇزاكىرە قىلىپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يىغىن داغدۇغىلىق، ئاددىي - ساددا، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا، ئەمەلىيەتچىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يىغىن بولدى، ئىتتىپاق - دېموكراتىك بولغان، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، كىشىلەرنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان يىغىن بولدى، يىغىن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

يىغىن مۇنداق قارىدى: 2019 - يىلى پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجادىي ئەھمىيەتكە، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنى چاقىرىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ماكانىنى ياراتتى. بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ۋەزىيەت سىجىل مۇقىم بولۇش، ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلىش، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىش، تۈرلۈك ئىشلار سىجىل ئالغا بېسىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلدى، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، تەڭ كۈچ چىقىرىش جەھەتتە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە يېڭى قەدەم تاشلاپ، سىستېما ھەمتۈرتكىسىنىڭ يېڭى بىرىكمە كۈچىنى ھاسىل قىلىپ، ئىككى قوشۇننىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىدىغان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان يىل. يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي ئوقى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قويغان خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك.

يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+3+3+ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، دائىم ھوشيار بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىش؛ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق ئاممىۋىي خىزمەتنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ دىن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، توغرا يولدا مېڭىش، ئەسەبىيلىكنى توسۇشقا يېتەكلەپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلەشمە دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش ۋە ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىشى كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە دائىر نۇقتىلىق مەسىلىلەر، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتى قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىپ، ئەمەلىي نازارەت قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ھەل قىلىشقا ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ھەقىقىي ئىنكاس قىلىپ، پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.

يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولغان خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە يېڭى دەۋر خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى فۇنكسىيەسىنىڭ يېڭى مەزمۇنىنى يۈكلىدى. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈم - بەلگىلىمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پارتىيەلىك ئەزالارنى تولۇق قاپلىشى، پارتىيە خىزمىتىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، كېڭىشىش شەكلىنى بېيىتىپ، كېڭىشىش قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش؛ مەركىزىي ھالقىنى ئىگىلەپ، مۇھىم بازا، مۇھىم سۇپا، مۇھىم يول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇش، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئۈچۈن فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەخلاق - پەزىلىتىنى تاۋلاپ، پاك - ئىنتىزامچان بولۇش تەلىپىنى چىڭىتىپ، «سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەمۇنىلىك ھەرىكىتى بىلەن يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەتچان ئەزانىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ خاسلىققا ئىگە قىلىپ ئىشلەش كېرەك.

يىغىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى - تەلىپى بويىچە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى