تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدىكى تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى

(2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدا، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1 + 3 + 3 + ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، پائال تەكلىپ بېرىش يولى بىلەن چارە - تەدبىر كۆرسەتتى.

2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سائەت 16گىچە، جەمئىي 747 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى. «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتى نىزامى» ۋە بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ «تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى»گە ئاساسەن، بۇ تەكلىپلەر ئەستايىدىل تەكشۈرۈلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق 691 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى، 18 پارچە تەكلىپ بىرلەشتۈرۈۋېتىلدى، 26 پارچىسى تەكلىپ - پىكىرگە ئايلاندۇرۇلدى. ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئەزالار تەكلىپى 565 پارچە بولۇپ، %81.8نى ئىگىلىدى؛ كوللېكتىپ تەكلىپ 126 پارچە بولۇپ، %18.2نى ئىگىلىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئەزالارنىڭ تەكلىپ سۈپىتى ئېڭى تېخىمۇ ئاشقان، تەكلىپ بېرىشتە تېخىمۇ ئەستايىدىل بولغان، تېما تاللاشقا دىققەت تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈلگەن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا تېخىمۇ پۇختا بولغان، تەكلىپلەر تېخىمۇ كونكرېت بولۇپ سۈپىتى روشەن ئاشقان، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى نامايان قىلىنغان.

ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا دائىر تەكلىپ 357 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي تەكلىپنىڭ %51.7ىنى ئىگىلىدى؛ سىياسەت، نىزام - بەلگىلىمىلەرگە دائىر تەكلىپ 132 پارچە بولۇپ، %19.1نى ئىگىلىدى؛ خەلق تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي ئىشلارغا دائىر تەكلىپ 202 پارچە بولۇپ، %29.2نى ئىگىلىدى. بىرقەدەر مەركەزلىك ئىنكاس قىلىنغان تەكلىپلەر:

بىرىنچى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدىكى شارائىتى بار جايلاردا، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش بويىچە ئۈلگە كەنت بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا ئارىلىشىپ ياشايدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش؛ يېڭىچە كەنت قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىنى ئاساسلىق تۇتقا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش قاتارلىقلار.

ئىككىنچى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىش جەھەتتە، ئاساسلىقى تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش؛ دىققەتنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى جەزمەن، قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش؛ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىرقىسىم نامرات ئائىلىلەرنىڭ «مەنىۋى نامراتلىق» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ شىنجاڭدا يەر ئاستى سۈيىنى يىراقتىن ئەقلىي باشقۇرۇش سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، قوللىنىپ، سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىش؛ بىيولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان يېڭى ماتېرىيالنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ساپ تۇپراقنى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆزىتىش تورى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىقلار.

ئۈچىنچى، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش جەھەتتە، ئاساسلىقى چېگرا ھالقىغان سودىدا خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىش ۋە ئۇنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ پورت ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، پورت ئىقتىسادى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ ئۇلىنى پۇختىلاپ، بازار ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ساياھەت گېئوبايلىقىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قار - مۇز ساياھىتى، كېچىلىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەت تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇش؛ يەرمەنكە ئىقتىسادىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچەش قاتارلىقلار.

تۆتىنچى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە، ئاساسلىقى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش نىزامى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئېتىبار كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق نىزام - بەلگىلىمىلەرنى بېكىتىش؛ شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەخسلەرنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار.

بەشىنچى، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتە، ئاساسلىقى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش؛ «شىنجاڭدىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەر ئارخىپ توپلىمى»نى يېزىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە «ئالىي مەكتەپ تىل - ئەدەبىياتى» دەرسلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ شىنجاڭدىكى دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسلىرى مەنبەلىرىنى قوغداش ۋە ئۇلارنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسىنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاش ۋە تەزكىرىلەرنى رەتلەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش؛ زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپى بىلەن ساياھەت - مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار.

ئالتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش جەھەتتە، ئاساسلىقى يېڭى دەۋردىكى كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىيلاشقان كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ شىنجاڭدىكى چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت جەمئىيەت ياشلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش؛ يېزا - كەنت داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بوۋاقلار، بالىلارنى بېقىش مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلار.

يەتتىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، ئاساسلىقى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تىپىك چۆللىشىش، قۇملىشىشنى تۈزەشتە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى بىرلىشىپ ھەل قىلىپ، پەن - تېخنىكا سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، چۆللىشىش، قۇملىشىشنى تۈزەش قەدىمىنى تېزلىتىش؛ تەبىئىي ئاپەتنى ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش - سىگنال بېرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىننىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار.

يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىدۇ. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ تەكلىپ بېرىش قەرەلى توشقاندىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئەنگە ئالىدۇ ھەم ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى