415 پارچە تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىر تاپشۇرۇۋالدى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ بېكىتىشى بىلەن، يىغىن 11 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى.
بۇ قېتىمقى يىغىن تاپشۇرۇۋالغان تەكلىپلەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: «ئاپتونوم رايوننىڭ يەسلى مائارىپى نىزامى» «ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇن بويىچە ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسىنى قانات يايدۇرۇش چارىسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش نىزامى»نى تۈزۈش، «ئاپتونوم رايوننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ قاتارلىقلار. بۇ تەكلىپلەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، مۇھىت ئاسراش، مائارىپ ئىلمى، قانۇن نازارەتچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ.
11 پارچە تەكلىپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، يىغىن مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە بەرگەن تەكلىپ، تەنقىد، پىكىردىن جەمئىي 415 پارچە تاپشۇرۇۋېلىنغان. يىغىن مەزگىلىدە، قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسى ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، ۋەكىللەرنىڭ 21 پارچە تەكلىپىگە يۈزتۇرا جاۋاب بەردى، ۋەكىللەرنىڭ قالغان تەكلىپلىرى يىغىندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنىدا قارار قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلار، تەشكىلاتلار ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرىغا تەتقىق قىلىپ بېجىرىشكە بىرتۇتاش تاپشۇرۇلىدۇ ھەم ۋەكىللەرگە جاۋاب بېرىلىدۇ.