تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدىكى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى داۋاملىق قاراپ چىقتى

قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: ئۈچ دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، باش تېما روشەن، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلىك، تەدبىرلەر كۈچلۈك بوپتۇ، 2019 - يىللىق خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا خۇلاسىلىنىپ، 2020 - يىللىق خىزمەتلەر كونكرېت، تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ھەم مەركەزنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئۇيغۇن، ھەم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بوپتۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دىلشات قېدىرقان مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا خىزمەت مەۋقەسى ئەمەلىيەتكە قويۇلغان ئاساستا خۇلاسىلىنىپ، مەسىلىلەر ئىلمىي، ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىنىپ، خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ تۈرلۈك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ؛ ساقلانغان مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماي، يوشۇرماي، زىددىيەتكە بىۋاسىتە دادىل يۈزلىنىلىپ، كەمچىلىكلەر، سەتچىلىكلەر دادىل ئاشكارىلىنىپتۇ. مەن بۇ دوكلاتقا قوشۇلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتتە، مەن قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈلگە بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق شەكلى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بايان خوجا مۇنداق دېدى: ئۈچ دوكلات نۇرغۇنلىغان پاكىت ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق سۆزلەنگەن بولۇپ، سۈپىتى ناھايىتى يۇقىرى بوپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا ئورۇن بېكىتىش توغرا، تەدبىرلەر كۈچلۈك بولغان، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئادىللىقىغا بولغان ئارزۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇلۇپتۇ. بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىدىغان يىل بولۇپ، پۇرسەت، خىرىس تەڭ مەۋجۇت، بېكىتىلگەن نىشاننى سۈپەت - سانغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئورۇنداپ، خەلق ئاممىسىغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىنى نەقلەشتۈرۈشتە، بىزنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىمىزغا، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ شياۋلۇڭ مۇنداق قارىدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك بولغان، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل ياخشى دوكلات بوپتۇ؛ 2020 - يىللىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇشتا تەپەككۇر يولى ئېنىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ۋەزىپە ئايدىڭ، ئىشەنچ ئۇرغۇتۇلغان، جەڭگىۋارلىق ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تېخىمۇ ئېنىق يۆنىلىشكە، تېخىمۇ زور ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۇڭ شياۋلىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى ئومۇميۈزلۈك، ئەمەلىي، ئۇچۇر مىقدارى كۆپ بولۇپ، نۇرغۇنلىغان پاكىت ۋە سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق ئۆتكەن بىر يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى نەتىجىلەر ۋە يارقىن نۇقتىلار خۇلاسىلىنىپتۇ، كىشىنى ھەسسىلەپ روھلاندۇرىدۇ. 2020 - يىلى، مەن داۋاملىق مەسئۇلىيىتىمنى پائال تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا كەڭ قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ - تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، شى شىن، يۈەن لېي، جاڭ يۈنمېي، لياڭ لىخۇا يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ