شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات (لايىھە)نى قاراپ چىقتى. 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سائەت 16 گىچە، يىغىن جەمئىي 747 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 747 پارچە تەكلىپ ئىچىدىكى 691 پارچىسى تەكلىپ قىلىپ تۇرغۇزۇلغان. تۇرغۇزۇلغان تەكلىپلەر ئىچىدە ئەزالار تەكلىپى 565 پارچە بولۇپ، %81.8نى ئىگىلىگەن؛ كوللېكتىپ تەكلىپ 126 پارچە بولۇپ، %18.2نى ئىگىلىگەن.
تۇرغۇزۇلغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتىكى تەكلىپ 357 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %51.7ىنى ئىگىلىگەن؛ سىياسەت، قانۇن - نىزام جەھەتتىكى تەكلىپ 132 پارچە بولۇپ، %19.1نى ئىگىلىگەن؛ خەلق تۇرمۇشى، جەمئىيەت ئىشلىرى جەھەتتىكى تەكلىپ 202 پارچە بولۇپ، %29.2نى ئىگىلىگەن.
تۇرغۇزۇلغان تەكلىپلەرنىڭ مەزمۇنىدا دىققەت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئەزالارنىڭ تەكلىپ سۈپىتى ئېڭى يەنىمۇ كۈچەيگەن، تېما تاللىشى تېخىمۇ مەركەزلەشكەن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى تېخىمۇ پۇختا بولغان، تەكلىپلىرى تېخىمۇ كونكرېت بولغان، سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن بولۇپ، تەكلىپ بېرىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى نامايان قىلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە تۇرغۇزۇلغان تەكلىپلەرنى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەكلىپ بېرىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تەكلىپ قىلىپ تۇرغۇزىدىكەن ھەم ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن.