تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ يېڭى تۆھپە يارىتىشىمىز كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدىكى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى داۋاملىق قاراپ چىقتى

قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ يېڭى تۆھپە يارىتىشىمىز كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدىكى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى داۋاملىق قاراپ چىقتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈردى.

ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات يۈكسەكلىكى يۇقىرى، باش تېمىسى روشەن، نىشانى ئېنىق، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان، ئىنتايىن كۈچلۈك يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاممىغا يېقىن، ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. پىلان دوكلاتىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ياخشى بوپتۇ، 2020 - يىلىدىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى ئېنىق، چۈشىنىشلىك بوپتۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ۋە تەدبىرلەر مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ؛ خامچوت دوكلاتىدىن قارىغاندا، 2019 - يىللىق خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپتۇ، بۇ يىللىق مالىيە كىرىم - چىقىم ۋەزىيىتى ئىلمىي، ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىنىپتۇ، پۈتۈن يىللىق خامچوت ۋەزىپىسىنى تاماملاش تەدبىرلىرى كۈچلۈك بولۇش تەكلىپى بېرىلىپتۇ. بۇ ئىككى دوكلات ناھايىتى ئەمەلىي بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلىش مۇمكىنلىك دەرىجىسى يۇقىرى بوپتۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى چېن يىشى مۇنداق دېدى: 2019 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىريۈرۈش پۇختا، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىسىدا، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلدى، نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. بولۇپمۇ كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 200 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش بولدى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىشى شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بۇرماقان مولدۇ مۇنداق دېدى: دېھقان - چارۋىچىلار پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ياخشى سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدى، قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول ھەربىر كەنتكىچە ياسىلىپ، سىرتقا چىقىشىمىز تېخىمۇ قولايلاشتى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ھەر جەھەتتىكى شارائىتلىرىمىزدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە رەھمەت.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى چېن شىجۇڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، خىزمەت تەدبىرلىرى كۈچلۈك، كەلگۈسى نىشانى ئېنىق بولۇپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى يوشۇرمىغان، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرمىغان. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرتكە بولۇپ، قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۇ شياۋلى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ئاممىغا يېقىن، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى توپلانغان، ئىشەنچنى ئاشۇرىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. بىز خىزمەت پىكىر يولىمىزنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، راۋانلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ۋەزىپە، تەلەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ يېڭى تۆھپە يارىتىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئېرجان قۇسمان مۇنداق دېدى: دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ شىنشياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالىنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق توققۇز چوڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا يولۇققان باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرى، غەم قىلىدىغان ئىشلىرى، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى