تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى، تۈرلۈك قارار ۋە دوكلات لايىھەلىرىنى قاراپ چىقتى.

ئەزالار بىردەك مۇنداق قارىدى: ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان، ئىككى مەھكىمە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ، 3 - ، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن سوت قىلىش ۋە قانۇن نازارەتچىلىكى فۇنكسىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

ئەزا لى ئەنمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئىككى مەھكىمە فۇنكسىيەسىنى پائال ئادا قىلىپ، مۇقىملىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، تەرەققىياتنى قوغداپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچلۈك ئاشۇردى. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا، ئىككى مەھكىمە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ قانۇن يۈرگۈزۈش، دېلو بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ قانۇن ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك.

ئەزا ۋاڭ يۇڭگاڭ مۇنداق قارىدى: ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا خۇلاسىلەنگەن نەتىجىلەر ئەمەلىي، پىكىر يولىنىڭ پىلانلىنىشى ئېنىق بوپتۇ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا شەن خۇڭۋېي مۇنداق قارىدى: ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى مول، قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك، «تەييار مال»لار لىق، نەتىجە مول بوپتۇ. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى مەھكىمە خىزمىتىنى كۈچەيتىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقى ۋە جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ھەقىقىي تەكلىپ بېرىمەن، ياخشى تەدبىر كۆرسىتىمەن.

ئەزا جۈرئەت قۇربان مۇنداق دېدى: ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىكى بايانلار توغرا، سانلىق مەلۇماتلار تەپسىلىي، ئېنىق، دېيىلگەن سۆزلەرنىڭ ئاساسى بار، توغرا سىياسىي يۆنىلىش پۇختا ئىگىلىنىپتۇ، تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا زىچ باغلىنىپتۇ. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىككى مەھكىمە خىزمىتىگە تېخىمۇ پائال كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق ھالدا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتتىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملىشى كېرەك.

ئەزا ۋۇ شىنچېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: سەمىمىي قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەدىسىدە تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يول تىرانسپورت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مەدەنىي يول قاتناش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئەزا گۈلباھار مەمەتئېلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى، ئىككى مەھكىمىنىڭ باشتىن - ئاخىر خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىغانلىقى ئىكەن. «ئىككى مەھكىمە كۆرگىلى بولىدىغان، ئەمەلىي بولغان نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى، خەلقنىڭ ئاغرىنىشىنى پەسەيتتى، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، بۇنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ».

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى ياڭ، ۋاڭ يۈجاۋ، خېي خۇڭۋېي، رېن جياڭ، لى چۇنشيا، ليۇ شياڭ، چاۋ جىن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى