تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى 20 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى 20 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى.

يىغىندا ئالاقىدار دوكلات ۋە ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ماقۇللاندى. بۇ ئىككى دوكلاتنى ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 2 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى مۇتەللىپ قاسىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى