تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

توقسۇ ناھىيەسىدە چاڭغا تېيىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليەن شۆتىڭ خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ قۇملۇق گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىدىكى قار تېيىلىش مەيدانى تىجارەت باشلىدى، نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە-ساياھەت ۋە تاماشا قىلدى.

  شۇ كۈنى، توقسۇ ناھىيەسى بىڭخۇ مەھەللىدىكى ئاھالە گۇەن فېيفېي مۇز ئۈستى سوقۇلۇش ئاپتوموبىلى، توكلۇق چانا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى ئوينىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇنىڭ ساياھەت تۈرلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇ يىل ئىشىكىمىز ئالدىدىلا قار تېيىلغىلى بولىدىغان بولدى، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم».

  سىچۇەنلىك ساياھەتچى ماۋ يۈەنخۇي مۇنداق دېدى: «قۇملۇقتا قار-مۇز مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىپ كۆرسە مەنىلىك بولىدىكەن».

  توقسۇ ناھىيەسى قۇملۇق گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىنىڭ باش دىرېكتورى لى گۇيخەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ يەر كۆلىمى 150 مو، سېلىنغان مەبلەغ جەمئىي 2 مىليون يۈەن، مەيدان ئىچىدە توكلۇق چانا، قار تېيىلىش ئاپتوموبىلى، مۇز ئۈستى ئايلانما ئاپتوموبىلى، مۇز ئۈستى سوقۇلۇش ئاپتوموبىلى، چاڭغا تېيىلىش چەمبىرىكى، بالىلار قار تېيىلىش ئاپتوموبىلى قاتارلىق 20 نەچچە خىل كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى