تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

چۆچەكلەر دۇنياسىدەك گۈزەل تۇمان سۆڭگىسى

 تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لو ياڭشۆ خەۋىرى، فوتوسى): قىش پەسلىدە، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى كۈمۈش رەڭلىك لىباس كىيدى، بۇ ناھىيەنىڭ چۇڭقۇر بازىرىنى گۈزەل تۇمان سۆڭگىسى ئاستا-ئاستا قاپلاپ، ئادەم ئۆمرىدە چوقۇم بىر قېتىم كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى، بۇ بىر تەبىئىي مەنزىرە بولۇپلا قالماستىن, يەنە قىش پەسلىگە بولغان گۈزەل ئارزۇدۇر.

  بۇرچىن دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شامال يۆنىلىشى بىلەن دەريا قىرغىقىنىڭ يۆنىلىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان يەر بۆلىكىدە تۇمان سۆڭگىسى شەكىللىنىدۇ. چۇڭقۇر بازىرى ئېگىز ھەم سوغۇق تاغلىق رايونغا جايلاشقان، لېكىن يۇقىرى ئېقىندا ئېلېكتىر ئىستانسىسى بار بولغاچقا، تۆۋەن ئېقىندىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە ℃2~℃3 ئەتراپىدا ساقلىنىدۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىغا يولۇققاندا، تۇمان ئىككى قىرغاقتىكى دەرەخلىككە تارقىلىپ، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆزگىچە تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ مەنزىرە 20 كىلومېتىرغا سوزۇلۇپ، تەبىئىي قېيىن ئورمىنى تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرە بەلبېغىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  چۇڭقۇر بازىرىدا تۇمان سۆڭگىسىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن، دائىرىسى كەڭ، ھەيۋەتلىك، شەكلى ھەرخىل بولغانلىقى ئۈچۈن داڭلىقتۇر. ھازىر، بۇرچىن ناھىيەسى تۇمان سۆڭگىسى بايرىمى مەملىكەت بويىچە قار-مۇز فوتو سۈرەت ئىجادىيىتى ۋە ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم سۇپا بولۇپ قالدى، بۇ يەرگە ھەر يىلى نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى جەم بولۇپ، نۇرغۇن ئەسەرنى ياراتتى. فوتوگرافلار، تاراتقۇ خادىملىرى ئۆتكۈر نەزەر، ئۆزگىچە كۆرۈنۈش ۋە جانلىق قەلەم ئارقىلىق چۆچەكلەر دۇنياسىدەك گۈزەل بۇرچىننى تەشۋىق قىلدى ھەم تونۇشتۇردى .

  «بۇرچىن ناھىيەسى چۇڭقۇر بازىرىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، بولۇپمۇ قىشتا ئاپئاق قاردا تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ، بۇ قېتىم مەن نۇرغۇن تۇمان سۆڭگىسى سۈرەتلىرىنى تارتتىم، بەك چىرايلىق چىقتى، بۇ قېتىمقى سەپىرىم بىكارغا كەتمىدى» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى جۇ تاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ