تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدىكى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، جاۋ چۇنخۇا، سۇ لۇپىڭ، جاڭ يەنفاڭ، جاڭ يۈنمېي، شى شىن، يۈەن لېي، ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئومۇمىي يىغىن، گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن ۋەكىللەر بىلەن بىللە قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

شۈ خەيرۇڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا نەتىجىلەر خۇلاسىلىنىپ، ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك توغرا تەھلىل قىلىنىپ، ۋەزىپىلەر ئىلمىي، ئەمەلىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قوشۇلىمەن. يېڭى بىر يىلدا، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ماس تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ قەتئىي تەۋرەنمەي يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىنىڭ «مال توپلاش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش» ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە مەسىلىلەر ئوبيېكتىپ، توغرا تەھلىل قىلىنىپ، بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، كۈرەش نىشانى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، مەن بۇ دوكلاتقا تامامەن قوشۇلىمەن. قەتئىي، كەسكىن ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى ياخشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۈلپەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ھەم «قىيىن تەرەپلەر»گە توغرا قاراپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش؛ ھەم «پايدىلىق تەرەپلەر»نى كۆرۈپ يېتىپ، ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەۋزەللىكنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ۋاڭ جۈنجېڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلىنىپ، خىزمەتلەرگە تەپسىلىي قاراپ چىقىلىپتۇ، باش تېما روشەن، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلىك بوپتۇ، ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قوشۇلىمەن. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ بىلەن، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەممە بىر نىيەتتە غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تيەن ۋېن قاراماي شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپتۇ، يۈكسەكلىكى يۇقىرى، يۆنىلىشى ئېنىق، مەزمۇنى ئەمەلىي بوپتۇ، دوكلاتتا 2019 - يىللىق خىزمەتلەر توققۇز جەھەتتىن خۇلاسىلىنىپتۇ، 2020 - يىللىق خىزمەتلەر 11 جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، بۇ ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك ياخشى دوكلات بوپتۇ. 2019 - يىلى چوڭ ئىشلار كۆپ بولدى، خۇشاللىنارلىق ئىشلار كۆپ بولدى، دۇچ كەلگەن خىرىسلارمۇ كۆپ بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، تۈرلۈك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى كۆرسەتكۈچلىرى يىل بېشىدا ئالدىن بېكىتىلگەن نىشانغا يەتتى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، ئۇنى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ ياراتتى. 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان يىل، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، بىز تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىمىزنى، ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئائىلىلىرىگە تېز كىرگۈزۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىدىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

سارقىت ئاقان سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، مەن بۇ دوكلاتقا تامامەن قوشۇلىمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بەردى، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم ساغلام تەرەققىي قىلدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچ تولۇپ تاشتى. بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، ئاچقۇچ مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشتە، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى ياخشى قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ياڭ شىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بۇلتۇرقى خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ خۇلاسىلىنىپ، بۇ يىللىق ۋەزىپىلەر ئېنىق، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، مەن تامامەن قوشۇلىمەن. بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، ھەقىقىي ھالدا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ھەربىر ئاممىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ بۇ يىل، مىڭ يىللاردىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيناپ كەلگەن مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىگە تارىخىي خاراكتېرلىك خاتىمە بېرىلىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىزگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. بىر تەرەپتىن، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆزىنىڭ بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا قارىتا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جاڭ چۇنلىن تۇرپان شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات مەزمۇنلۇق، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەن، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان دوكلات بوپتۇ، ئۇنىڭدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھى تولۇق گەۋدىلىنىپتۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمى ۋە «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+3+3+ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ. دوكلاتتا خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا خۇلاسىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك خىزمەت ئىستىلى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ؛ نىشان راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان ھالدا بېكىتىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ؛ دوكلاتتا دېموكراتىيە جارى قىلدۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، خەلق رايى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، دوكلاتنى تەييارلاش جەريانىدا ئاساسىي قاتلامدىن تولۇق تەكلىپ - پىكىر ئېلىنىپتۇ ۋە قوبۇل قىلىنىپتۇ. مەن بۇ دوكلاتقا تامامەن قوشۇلىمەن، قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، 2020 - يىللىق خىزمەتلەردە ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى