تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پەيتنى قولدىن بەرمەي غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلەلەيدىغان بولۇپ قايتا ئاتلىنىمىز

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، پىلان لايىھەسى دوكلاتى ۋە خامچوت لايىھەسى دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى

پەيتنى قولدىن بەرمەي غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلەلەيدىغان بولۇپ قايتا ئاتلىنىمىز

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، پىلان لايىھەسى دوكلاتى ۋە خامچوت لايىھەسى دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، باش تېمىسى روشەن، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلەلەيدىغان بولۇشتەك كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق ياخشى پۈتۈشىمىز كېرەك.

ئەزا يىن شېڭ مۇنداق دېدى: 2019 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھات خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتمۇ يارقىن نۇقتىلارغا لىق تولغان بىر <نەتىجە قەغىزى> بولۇپ، بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن. بىز دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بوشاشتۇرماي، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك» دېدى يىن شېڭ.

ئەزا جۈرئەت قۇربان مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا تەپسىلىي، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ 2019 - يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرى خۇلاسىلىنىپتۇ، خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئۈچۈن دەيدىغان ئىدىيە ئىزاھلىنىپتۇ، بۇ، كىشىنى ئىنتايىن ھاياجانغا سالىدۇ. «پەقەت نىشاننى چىڭ كۆزلەپ غەيرەت قىلىپ ئىشلىگەندىلا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، 2020 - يىلى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چوقۇم پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى جۈرئەت قۇربان تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

ئەزا مۇقىيات ئوراسقان مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات يۈكسەكلىكى يۇقىرى، ئەمەلىيلىشىشى پۇختا، چوڭقۇرلۇققا ئىگە، ئىللىقلىققا ئىگە بولۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇردى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بولۇپمۇ دوكلاتتا 2019 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيە خامچوتىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، كىشىگە ھەسسىلەپ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدۇ. داۋالاش - سەھىيە سىستېمىسىدىكى بىر خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، تىرىشىپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ پۇقرانى داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرىمەن.

ئەزا پاتىگۈل مەمەت مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا سانلىق مەلۇماتلار تەپسىلىي، ئېنىق بوپتۇ، مۇھىم نۇقتىلار گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ، 2019 - يىللىق خىزمەت نەتىجىلىرى خۇلاسىلىنىپلا قالماي، يەنە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە، خىرىس ۋە ئوي - پىكىر تىلغا ئېلىنىپتۇ. بىر مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرىمەن.

«دوكلاتتا بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلەر، <شىنجاڭنىڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش> نىشانىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەر خۇلاسىلىنىپتۇ، بۇ نۇقتا ھەر بىر شىنجاڭلىقنى ئورتاق ھېسسىياتقا كەلتۈرىدۇ. ئەزا جاڭ شېڭخۇا مۇنداق دېدى: مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى 2019 - يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، 2020 - يىللىق تەرەققىيات نىشانى كونكرېت، ئېنىق بولۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇلغان.» ئەزا جاڭ باۋجۇڭ مۇنداق دېدى: بىر مۇھىت ئاسراش خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئاڭلىغاندا، ئىشەنچىمنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم. «يېڭى بىر يىلدا، مەن سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆز خىزمىتىمنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمەن».

(شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى ياڭ، ليۇ شياڭ، جاڭ تىڭ، چېن چياڭۋېي، لى چۇنشيا، چاۋ جىن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى