تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياشلىق باھارىمىزغا يۈز كېلىپ، غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى سەھىپە پۈتىمىز

− ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن خاتىرە

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، جاڭ يەنفاڭ

ئارزۇ ئالدىمىزدا، بۇرچ زىممىمىزدە. 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان، ھەرقايسى سەپلەردىن كەلگەن 481 نەپەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مەردانە، كۈچلۈك قەدەم تاشلاپ، شىنجاڭ خەلق سارىيىغا كىردى.

ئىسلاھات، تەرەققىيات توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىش، خەلق تۇرمۇشى، ئەلرايىنى بايان قىلىش، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانغا جاۋاب قايتۇرۇش... ئۇلار ماڭغاچ پاراڭلىشاتتى، ئۆزىگە ئىشىنەتتى، سالماق ئىدى.

سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر سۆز قىلىش ئورنىغا بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

2019 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قان - تەرى بىلەن سۇغىرىپ ھوسۇل ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىدى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر كىشىنى روھلاندۇرىدۇ.

«دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2019 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، مۆلچەرلىنىشىچە، 645 مىڭ نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كۆزنى چاقنىتىدىغان نەتىجە قەغىزى تاپشۇرۇلغان.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئۈرۈمچى جيېيۈن خۇيتۇڭ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ئابدۇغوپۇر ئابدۇگۈل مۇنداق دېدى: «2020 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، بىز داۋاملىق پەيتنى قولدىن بەرمەي، غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرىمىز».

«مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئون مىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، جەمئىي 7532 كەنتتە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى مەركەزلىك يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يېزا - بازارلىق شىپاخانىلار، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى %100كە يەتتى... ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، دۆلەت ئېلېكتىرى كۇچا توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى توك تارقىتىش بۆلۈمىنىڭ خىمىيە مەخسۇس ئىشچىسى ئابدۇراخمان ياسىن بىر تەرەپتىن دوكلات ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپتىن «مۇھىم نۇقتا»لارنى سىزدى. يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: مېنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقىنىمغا ئىككى يىل بولدى، بۇ ئىككى يىلدا كەنتتە ئۆزگىرىش ئالاھىدە زور بولدى، تۈرمۇ تۈر خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى. 2019 - يىلى ھوسۇل ئېلىنغان بىر يىل بولدى، شۇنچە كۆپ خۇش خەۋەرلەر كەلدى، ھەقىقەتەن قالتىس بولدى!»

ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، بۇ خۇشاللىق، بۇ ماختاش، بۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈش!

2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تاماملايدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بۇ يىلقى نىشان - ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى مۇساپىنىڭ بۇرغىسى چېلىندى، ۋەكىللەر تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا تولدى.

دوكلاتتا، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنى يېتەكلەش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، پۇقرالارغا بەخت يارىتىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان خەلقنى بېيىتىش كەسپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جىمىسار ناھىيەسى سەنتەي بازىرى پەنجياتەيزى كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مۇساجان سىدىقنىڭ يېزا ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچىنى ئاشۇردى. «كەنتىمىزدە گۈزەل مەنزىرە بولۇپلا قالماي، يەنە خاس باغ - ئورمان بار، ساياھەت بايلىقى مول. بۇلتۇر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق كەنت تېخىمۇ پاكىز، چىرايلىق بولۇپ كەتتى، ساياھەتكە كېلىدىغانلارمۇ كۆپەيدى. بۇ يىل بىز ئەۋزەللىكىمىزنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ساياھەتچىلىكىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمىز» دېدى ئۇ غەيرىتى تولۇپ تاشقان ھالدا.

«دوكلاتتىكى نۇرغۇن سۆزدىن يېڭى دەۋر پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان، يېڭىلىق يارىتىش، ئۆستۈرۈش... بۇ يىلنىڭ يېڭى كۈرەش قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ساۋەن ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس گۈلجاينار خۇمار ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ كۈچەپ يۈگۈرۈشىمىز كېرەك».

«دوكلات ئەمەلىي، پىكىر يولى يېڭى بولۇپ، ھەممە ئىشتا بۇ يىللىق خىزمەتلەر ئۈچۈن نىشان بېكىتىلىپتۇ، بىز كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىمىزنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يەكەن شىڭفۇيۈەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى گۈزەلنۇر ئابلىمىت.

ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، بۇ ئۈمىد، بۇ ئورتاق تونۇش، بۇ ئىرادە!

يىغىن مەيدانىدىن چىققان ۋەكىللەرنىڭ قەدىمى قەتئىي، كۈچلۈك بولدى: نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، كەلگۈسىدە تېخىمۇ تىرىشىش كېرەك. بىز ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى