تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشقان

ۋەكىللەر، ئەزالار ساداسى

«پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بولغان ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىلدى!» 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىنكى قاراپ چىقىش ۋە مۇزاكىرە جەريانىدا، ھەر مىللەت ۋەكىللەر، ئەزالار چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. بولۇپمۇ بىرنەچچە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئۆزىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز تەسىراتىنى سۆزلىدى.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ما جىنگو:

دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى

شىنجاڭدا، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى. ھازىر بەزىلەر دۆلىتىمىزنىڭ دىن سىياسىتىگە تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ. مەن مەردانىلىك بىلەن بارلىق كىشىلەرگە جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە» دەپ ئېنىق يېزىلغانلىقىنى ئېيتىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە دىن ئىشلىرىنى باشقۇردى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى تامامەن دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىمىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىنىي زاتلار ۋە ئاممىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقى ئىنتايىن كۆپ بولدى، قىلغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلار ئىنتايىن كۆپ بولدى، مەن ساناپ تۈگىتەلمەيمەن. مەسىلەن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش» «توققۇزنى سەپلەش»نى يولغا قويدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يەنە بىز دىنىي زاتلارغا داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بەردى، بىزگە ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى... بۇنىڭدىن بىز ھەقىقەتەن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ھىدايىتۇللا ھوشۇر:

مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، سىز شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىدىن خۇشال بولىسىز

كۆز بىلەن ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرگىلى، قۇلاق بىلەن پاكىتنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ، شىنجاڭغا كەلسىڭىزلا، سىز بۇ يەرنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىدىن خۇشال بولىسىز. شۇڭا، ھەممىمىز شۇنى چوڭقۇر بىلىمىزكى: مۇقىملىق بولمىسا تەرەققىيات بولمايدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى بولمايدۇ.

مېنىڭ يۇرتۇم بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ بۈگۈر بازىرى، مەن جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى، شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ يىلدىن - يىلغا كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېشىۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

بىز پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، قوللاپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، قانۇن بويىچە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە نورمال دىنىي پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دىنلار ئىناق بولغان ياخشى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز.

مەن ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى قوغداشقا يېتەكلەپ، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى كېرەم ئوسمان:

گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن

ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تۇغقان دەپ بىلىش، دوست دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىپ، دىنىي زاتلارنى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ھەر يىلى بىر قېتىم دىنىي زاتلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكۈزدى. مىڭدىن ئارتۇق دىنىي زات ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە ۋەكىل، ئەزا بولدى، بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلاندى. بىزنىڭ توقسۇ ناھىيەسى ئۇچقات يېزىسى توغراقلىق ئېرىق كەنتىنىڭ قاتنىشى بارغانسېرى قولايلاشتى، ئۇل ئەسلىھەلىرى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى بارغانسېرى بېيىدى، تۇرمۇش سەۋىيەسى كۈنسېرى ئۆستى. يېزىدا ياشاۋاتقان مەن ھەر كۈنى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىياتنى ھېس قىلالايمەن.

ھازىر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇپ، كۆپچىلىك بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر نىيەتتە مۇقىملىقنى ساقلاپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.

مەن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا، توغرا يولدا مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىم ۋە زېھنىمنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، تىرىشچانلىق بىلەن بېيىش، تۇرمۇشنى ياخشىلاشقا سەرپ قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قويۇپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى