تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەمەلىي ئىشلەپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

لى پېڭشىن ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

ئەمەلىي ئىشلەپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلەلەيدىغان بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى پېڭشىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرى چىڭ كۆزلەنگەن، بۇلتۇر خۇلاسىلىنىپ، بۇ يىل ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئۇزاق كەلگۈسى كۆزدە تۇتۇلغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بىرمۇبىر كونكرېت نىشان، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت، بىرمۇبىر خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئۈچۈن دەيدىغان ئىزچىل مەيدان ۋە روشەن پوزىتسىيە نامايان قىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى كۈچلۈك سىگنال تارقىتىلغان، بۇ، ئىشەنچكە تولغان، جەڭگىۋارلىققا ئىلھام بېرىدىغان، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قوشۇلىمەن.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىدە ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئاساس سالدۇق. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شانلىق يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يول باشلاپ رولچى بولغانلىقىنىڭ، دانا رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىپ، يۆنىلىشنى بېكىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، بۇ يىلقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، «مۇقىم بولۇش»نى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش؛ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش؛ بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دوكلاتتا بېكىتىلگەن «ۋەزىپەنامە» «يول خەرىتىسى» بويىچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھالىتى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى