تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش كېرەك

سۈن جىنلۇڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيى سۈن جىنلۇڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۈن جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەنگەن، ھازىرقى ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، نىشان - ۋەزىپىسى، نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە ئاساسلىق تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، تۈرلۈك كۆزلىمە نىشان ھەم كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ھەم ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدۇ، ھەم بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن، ھەم مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، پىكىر يولى ئېنىق، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ.

سۈن جىنلۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2019 - يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلىدى. بۇ گەۋدىلىك نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

سۈن جىنلۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020 - يىلى بىڭتۇەن يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ ئورنىنى بېكىتىش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، بىڭتۇەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىككى چاق قىلىپ، بىڭتۇەن ئىقتىسادىنىڭ بىر پۈتۈن رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، بىڭتۇەننىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق كەڭ ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن تەۋەلىكىنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ