تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئىلى ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان خىزمەت ئىستىلى، تېخىمۇ سادىق، قەتئىي بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق، دادىللىق بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە، دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ئەمەلىي، باش تېمىسى روشەن، نىشانى ئېنىق بولۇپ، دوكلاتقا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈلۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتەك خەلقنى ئاساس قىلىش ھېسسىياتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئۇ جەڭگىۋارلىق روھىنى ئۆستۈرىدىغان، ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قوشۇلىمەن.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز چىڭ تۇتۇش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇقىملىق پايدىسىنى قويۇپ بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ياخشى» ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ، «مۇقىم» تەدبىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يېڭى» نەتىجىنى نامايان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئاسراش قىزىل سىزىقى، تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئىلىنىڭ ھەر بىر تال گىياھ، تاغ - دەريالىرىنى ياخشى ئاسراپ، ئىلىنى تاغلىرى دائىم يېشىل تۇرىدىغان، سۈيى سۈزۈك ئېقىپ تۇرىدىغان قىلىش كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېڭى پەللىگە قەدەم تاشلاشقا يېتەكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى