تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

شاۋكەت ئىمىن تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىللىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتى، ھازىرقى ئاچقۇچ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، پەيتنى قولدىن بەرمەي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شاۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1 + 3 + 3 + ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 2019 - يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، دۇچ كەلگەن مەسىلە ۋە خىرىسلار چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، 2020 - يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. دوكلاتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئېنىق، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، ئومۇميۈزلۈك ئوبيېكتىپ بولۇپ، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدىنىلگەن، نەتىجىلەر يەكۈنلىنىپ، ئىشەنچ ئۇرغۇتۇلۇپ، ۋەزىپە ئىلمىي، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، قەتئىي سىياسىي مەيدان، يۈكسەك چوڭ ۋەزىيەت ئېڭى، كۈچلۈك بۇرچنى زىممىگە ئېلىش تولۇق نامايان قىلىنغان، بۇ، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. مەن بۇ دوكلاتقا تامامەن قوشۇلىمەن.

شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2019 - يىل شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتۇق، مالىيە، پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەكلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم ۋە ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلىدۇق، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ سۈرئىتى مۆلچەرگە ئۇيغۇن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئىستىقبالى كەڭ، كەلگۈسىدىن ئۈمىد زور، بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇقىملىق، تەرەققىيات ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. باشتىن - ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل