تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلايلى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى

بۈگۈن، ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى، كېيىنكى بەش كۈنلۈك يىغىن مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات چوڭ پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىدۇ، گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان توغرىسىدا ئورتاق سۆزلىشىدۇ. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

بۇ قېتىمقى يىغىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تاماملايدىغان يىلى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىلى ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2019 - يىلى مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. كۆزنى چاقنىتىدىغان ھەربىر نەتىجىگە ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، قانۇن بويىچە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە ئاجايىپ نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تۇنجى قېتىم ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، پۇقرالارنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى كېڭەيتتى؛ تۇنجى قېتىم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر دەرسخانىسى تەسىس قىلدى؛ تۇنجى قېتىم خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى، دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىگە نەق مەيداندا جاۋاب بېرىپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش يېڭى مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە نۇرغۇن يېڭى يارقىن نۇقتىلارنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللايدىغان ۋە كاپالەتلەندۈرىدىغان، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنىڭ سىياسىي تۇرمۇش ۋە جەمئىيەت تۇرمۇشىدا كونكرېت، رېئال ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ياخشى تۈزۈم بولۇپ، ئۇ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە.

2020 - يىلى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، مىڭ يىللاردىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيناپ كەلگەن مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىگە تارىخىي خاراكتېرلىك خاتىمە بېرىلىدۇ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىدۇ، بىز تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساداسىنى ئاڭلاشقا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك موھتاج. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور، بۇرچى شەرەپلىك، تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەردە پۇقرالارنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ تاكامۇللاشقان خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى خەلق ئېتىراپ قىلىدىغان، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان قىلىپ»، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلارنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

بوران - چاپقۇن ئالدىدا غەيرەتلىك بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شانلىق سەھىپە پۈتەيلى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى چوقۇم ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى تولۇق مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى يىغىننى دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن قىلىپ ئېچىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملىيەلەيدۇ.

يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى