شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، جاۋ جىيۈن، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
تەييارلىق يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 536 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 473 كىشى، قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلاپ چىقىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، جاۋ جىيۈن، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.
يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىشى 57، ئەمەلىي قاتناشقان كىشى 42 بولۇپ، قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا چېن چۈەنگو، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىگە سايلاندى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىن 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ، 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يېپىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى بەش كۈن. يىغىندا يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى سايلاپ چىقىلدى؛ يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ لايىھەلىرىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ قارار قىلىندى. يىغىندا ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ بېرىش ۋاقتىنى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سائەت 18دە ئاخىرلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.