تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىش تىرىشىپ يېڭى نەتىجە يارىتىش

ۋەكىللەر، ئەزالار ساداسى

«بىز قان - تەرىمىز بىلەن سۇغىرىپ ھوسۇل ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەيمىز».

«ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى مېڭىشىمىزنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى».

«بىز پەيتنى قولدىن بەرمەي، ياشلىق باھارىمىزغا يۈز كېلەلەيدىغان بولايلى...»

«ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان 2020 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان كۈچنى يەتكۈزدى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئەزالارنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. ئۇلار ئۆزگىرىش توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، بەس - بەستە يېڭى بىر يىلدا ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىپ، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، چېن چياڭۋېي

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى لى ۋېنجۈەن:

كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمەن

رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو زېمىنىغا نەزەر تاشلىساق، ھەممە يەردە يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىيات بار بولدى. ئاقتۇ ناھىيەسى بۇلۇڭكۆل يېزىسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئەمەلىي ئىشلەپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا كۆپ ھاسىلاتقا ئېرىشتى، پامىر ئېگىزلىكىدىمۇ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەر بولدى. پۈتۈن يېزىدىكى 4957 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇ، مەن يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىلىقىنى ئۈستۈمگە ئالغاندىن بۇيانقى ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

چارۋىچىلارنىڭ ھەميېنى تومپىيىپلا قالماي، روھىي قىياپىتىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى. مەنزىرە رايونلىرىدا نۇرغۇن «كىچىك تەرجىمان» كۆپەيدى، بالىلار بەس - بەستە دۆلەت ئورتاق تىلىدا ساياھەتچىلەردىن ئەھۋال سوراپ، مەسلىھەت بەردى؛ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ھويلىسى يازدىن تا قىشقىچە قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، تۈرلۈك ماھارەت تەربىيەسى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتتى، نۇرغۇن كىشىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتا، كەسىپتە يېڭى تاللىشى بار بولدى؛ بازارلاردىكى ماددىي ئەشيالار كۆزنى قاماشتۇردى، ئاياللار كەشتە توقۇش ئالاھىدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ نۇرغۇن نەپىس ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ياساپ، ساياھەتچىلەرنى تالىشىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى... ھەربىر كىشى كەلگۈسىگە قارىتا ئۈمىدكە تولدى، ھەربىر كىشىنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

بۇ يىل، مەن داۋاملىق ھالدا خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى تۇتۇپ، خاس چارۋىچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياڭ لى:

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، سادىق بولۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيمەن

خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ ئەسلىي مەقسىتىم ۋە بۇرچۇم پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بولۇپ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ھەربىر سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتۈش، ھەربىر ئوقۇغۇچىنى ياخشى تەربىيەلەشتۇر.

بۇلتۇر، مەن بىر قارار ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزىتىپ قويدۇم، يەنە بىر تۈركۈم كۇيتۇن شەھەرلىك بىرىنچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىق يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىنى كۈتۈۋالدىم. كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىگە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى، كۈرەشچان بۇ دەۋرگە شۇنچە ماس كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ھەمراھ بولغانلىقىمدىن، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە گۇۋاھ بولغانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم. مەن ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئىدىيەسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كەسپىي بىلىمىم، قارىشىم، ئۇسۇلۇمنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ھەر ۋاقىت يېقىندىن ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەيمەن.

بۇ بىر نەچچە يىلدا، مەن ئىنگلىز تىلى دەرسخانىسىدا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتتىم، بالىلار ئەستايىدىل ئاڭلاپلا قالماي، يەنە جانلىق ئۆگىنىپ، جانلىق ئىشلىتەلەيدىغان بولدى.

ئوقۇتقۇچىلىق تۈمەنلىگەن كەسىپلەر ئىچىدىكى بىر خىلى بولۇپ، مۇھىم ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچ يۈكلەنگەن. قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ مائارىپ ئىشلىرىدىكى نېگىزلىك مەسىلىگە نىسبەتەن ھەربىر مائارىپ خىزمەتچىسىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسىتىشىگە، كۆڭۈل قويۇپ جاۋاب بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ. يېڭى بىر يىلدا مەن ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئۇنتۇماي، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا تىرىشىپ قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئەخەت ھۈسىيىن:

خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن لېكسىيە سۆزلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرىمەن

مەن يېزىدىكى بىر پۇقرا تەشۋىقاتچى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ غۇجا ئېرىق يېزىسىدىن كەلدىم. يېرىم ئاي ئىلگىرى، مەن پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ كۆپچىلىككە بىر قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەنىدىم، پۈتۈن كەنتتىن 1000دىن ئارتۇق كىشى كەلدى. بۇ مەن سۆزلىگەن لېكسىيەنى ئاڭلىغان ئادەم ئەڭ كۆپ بىر قېتىملىقى، شۇنداقلا مەن يىل ئاخىرىدا ئەڭ خۇشال بولغان ئىش.

مېنىڭ لېكسىيەم باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئاساسلىقى ئىچكىرى رايونلاردىكى خىزمەت، تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىمگە بىرلەشتۈرۈپ كۆپچىلىككە قاراشنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا سۆزلەيمەن. بىر يىل ئىچىدە، مەن پۈتۈن يېزىدىكى ھەربىر كەنتنى ئايلىنىپ چىقىپ، ھەم پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، قانۇن - نىزاملاردىن لېكسىيە سۆزلىدىم، ھەم ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى سۆزلىدىم. كەنت ئاھالىلىرى مېنى ياخشى كۆرىدۇ، تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ، ئۈندىدارىغا قوشۇپ، قانداق مەسىلە بولسا ھەر ۋاقىت مەن بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. مەنمۇ ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرىمەن ھەم يۇرتداشلارنىڭ ئىشلارنى ھەل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياردەم قىلىپ، بىر ياخشى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇشقا تىرىشتىم.

رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ھەممە بىر نىيەتتە غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى، شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. قاغىلىق ناھىيەسى بۇ يىل نامراتلىق قالپىقىنى تاشلاشتا مۇشۇنداق غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە ئەڭ ئېھتىياجلىق. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى، ئىلھاملاندۇرۇشىنى لېكسىيەگە سىڭدۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يۇرتۇمنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئۆزۈمنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولۇمغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل