تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا يارقىن نۇقتىلار كۆپ نىشان كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى

مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا يارقىن نۇقتىلار كۆپ نىشان كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ

شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى ھەم ساھە تەكلىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى، پىكىر ئالماشتۇردى. مۇزاكىرە جەريانىدا، ئەزالار قىزغىن سۆز قىلىپ، مۇنداق قارىدى: دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ بۇلتۇر بىر يىلدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولغان، يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۇ يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قارىتا، نىشان ئېنىق، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلىك بولۇپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، مۇقەررەركى كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

«دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ھەم ئوبيېكتىپ، ئادىل بولغان، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن، ھەم كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.» ئەزا مۇزىللا نۇيتان مۇنداق دېدى: كىشىنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغىنى شۇكى، بەزى تەدبىر - تەكلىپلەر تەدرىجىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ياكى سىياسەت - تەدبىرىگە ئايلاندى، بۇ دەل سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە قوش يۆنىلىشكە كۈچەشتە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجە - ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى. «بۇ قېتىمقى يىغىندا، مەن قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى باغچە رايونى بەرپا قىلىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئېلىپ كەلدىم، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئەزا مۇزىللا نۇيتان.

ئەزا يەن گوفاڭ مۇنداق قارىدى: دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتى ۋە خىزمەت تەجرىبىلىرى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت نىشانى ۋە يۆنىلىشى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل ياخشى دوكلات بوپتۇ. «سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقاتى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، مەدەنىيەتنى سۆزلىتىپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمەن» دېدى يەن گوفاڭ.

ئەزا ئايگۈل ئەخمەتنىيازنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى بىر يىلدا، ئۇ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى دەۋا تەلەپلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ قىممىتى بار تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىرىشىپ ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدىكەن.

«تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتتا يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن گەۋدىلەندۈرۈلگەن، بىر يىلدىن بۇيان سۇنۇلغان تەكلىپ 758 پارچە بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 540 پارچە تەكلىپ تۇرغۇزۇلغان، بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان تەكلىپ 522 پارچە بولغان، ھەمدە بارلىق بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولغان، بېجىرىلىش - جاۋاب قايتۇرۇلۇش نىسبىتى %100 بولغان، بۇ بىزنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى ۋە روھلاندۇردى.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى شۈ رىشىن بىر يىلدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرنى ئالقىشلىدى.

«بىز خۇشاللىنارلىق ھالدا شۇنى بايقىدۇقكى، تەكلىپ سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپتۇ، ئەزالار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەش، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم قاراتمىلىقى كۈچلۈك، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، نۇرغۇن تەكلىپ قوبۇل قىلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىدى.» شۈ رىشىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، تىرىشىپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، كۆپلەپ ئاقىلانە چارە كۆرسىتىپ، كۆپلەپ ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيمەن، كۈچ قوشىمەن، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرىمەن.

«دوكلاتتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يېڭى بىر يىلدا بىز يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىشىمىز كېرەك. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ھەقىقىي تۈردە كەسىپنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، <ئەزالار تاپشۇرۇقى>نى تىرىشىپ ياخشى يېزىپ، دەۋر ئىمتىھان قەغىزىگە ياخشى جاۋاب بېرىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك» دېدى ئەزا ۋۇ جياچۇن.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى ياڭ، چېن چياڭۋېي، خېي خۇڭۋېي، جاڭ تىڭ، مېھرىگۈل غوپۇر، ۋاڭ يۈجاۋ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى