تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش

− سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن خاتىرە

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى مېھرىگۈل غوپۇر، لى ياڭ

ئۈمىد ئىزدىگەن قەدەملەر، قىش پەسلىدە ئىللىقلىققا تولدى. 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئەتىگەندە، شىنجاڭ خەلق سارىيىدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىن كەلگەن ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان تەكلىپلىرىنى ئېلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تاپشۇرۇقى ۋە ئارزۇسىنى ئېلىپ بىر يەرگە جەم بولدى.

بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل. بۇ ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى بىلەن سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى ئېچىلدى.

سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىننىڭ باشلىنىشىغا يەنە بىر سائەت بار بولسىمۇ، نۇرغۇن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىن مەيدانىغا كېلىپ بولدى، كۆپچىلىك ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پاراڭلاشتى، تەسىراتىنى سۆزلەشتى، تەرەققىيات توغرىسىدا پىكىرلەشتى.

«ئۆتكەن بىر يىلدا كۈنلىرىمنى ناھايىتى مەنىلىك ئۆتكۈزدۈم، كۆپ قېتىم ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكلىپ ئۈچۈن تەييارلىق قىلدىم.» «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قار - مۇز ساياھەت بايلىقىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى قېزىپ چىقىش ئۈچۈن، مەن قار - مۇز ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئېلىپ كەلدىم.» «يېزا ئاياللىرىنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مېنىڭ بىرقانچە تەكلىپىم بار، تېخىمۇ كۆپ ئېتىبارغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن»... گەپ - سۆزلەردىن بىر يىلدىن بۇيانقى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى چىقىپ تۇراتتى؛ پىكىرلىشىش جەريانى يېڭى بىر يىللىق خىزمەتلەرگە بولغان ئۈمىدنى ئېلىپ كەلدى.

سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. قىزغىن ئالقىش ساداسى كۆپ قېتىم ياڭرىدى، ئالقىش ساداسىغا بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، تېخىمۇ مۇھىمى ئەزالارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتەك يۈكسەك مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى.

ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك، نەتىجىلەر كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئەزا سۈي چۇنيۈ بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇردى، ناھايىتى ھاياجانلاندى. ئۇ ئۆتكەن بىر يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاكتىپلىق بىلەن شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەقىقىي تەكلىپ بېرىپ، ياخشى تەدبىر، ئەسقاتىدىغان چارە كۆرسەتكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ تەخىرسىز ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر چىڭ تۇتۇلۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ ساداسى يەتكۈزۈلۈپ، ئورتاق تونۇش كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەندى. خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭەش ئاپپاراتى بولۇشتەك ماركىسى بارغانسېرى نۇرلاندى.

«ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولدى، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى. سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش> دېگەن تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، <تۆت ئاڭ>نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، <تۆت ئىشەنچ>نى چىڭىتىپ، <ئىككىنى قوغداش>نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، ياشلىق باھارىمىزغا يۈز كېلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يولىدا كۈچەپ ئىلگىرىلەيمىز» دېدى ئەزا مېھرىگۈل ياسىن.

بىر يىلدىن بۇيان، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار سۇنغان تەكلىپ 758 پارچە بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 540 پارچە تەكلىپ تۇرغۇزۇلدى، بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان بارلىق تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولدى، بېجىرىلىش - جاۋاب قايتۇرۇلۇش نىسبىتى %100كە يەتتى. مۇتەللىپ ئوبۇلنىڭ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن يىغىنغا بەرگەن تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەزالار زور ئىلھام ئالدى.

«زىممىمىزگە شەرەپلىك بۇرچنى ئالدۇق، بۇرغا چېلىندى. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممە بىر نىيەتتە غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىنى نامايان قىلىمىز» دېدى ئەزا جاۋ جىگاڭ.

يىغىن مەيدانىدىن چىققاندا قەدەم پۇختا بولدى. ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقى تولۇپ تېشىپ، كۈرەش ئىرادىسى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، داۋاملىق قان - تەرى بىلەن سۇغىرىپ ھوسۇل ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشقا ئىرادە باغلىدى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى