تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى تەكشۈرۈپ بېكىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى 1 - قېتىم يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى»گە قاراپ چىقتى ھەم بۇنى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىدى. يىغىندا، بۇ قېتىمقى يىغىنغا سۇنۇلغان تەكلىپلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىشنى 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سائەت 16دە ئاخىرلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

«لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەكلىپلەردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش چۆرىدىلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى زىچ چۆرىدىلىشى، دىققەت ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈشى، تېمىلار كۆڭۈل قويۇپ تاللىنىشى، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان بولۇشى، تەكلىپ بېرىلىشى كېرەك. تەكلىپلەر كەسكىنلىككە، ئىلمىيلىككە، مۇمكىنچىلىككە ئىگە بولۇشى، بىر ئىشقا بىر تەكلىپ بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىخچام، مېغىزلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇشى كېرەك؛ سۈپەت ئېڭى ۋە سەرخىل بولۇش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغۇچە تەكلىپ بەرمەسلىك»تىن ئىبارەت ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىغا ئەمەل قىلىش، تەكلىپ، تەۋسىيەلەردە كىرىش ئېغىزى كىچىك بولۇش، داۋلى چىڭ بولۇش، نىشان توغرا بولۇش، ئېنىق، كونكرېت بولۇش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەك.

«لايىھە»دە تەكلىپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئۇسۇلى، ئاساسىي تەلەپلەر، سۇنۇش ئۇسۇلى، تەكشۈرۈش ۋە بېجىرىش ھەم تەكلىپ تۇرغۇزۇش شەرتلىرى ئېنىق بېكىتىلدى. تەكلىپ خىزمىتى سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر تۈرلۈك دائىملىق خىزمىتى، بۇ قېتىمقى يىغىندا تەكلىپلەرنى يىغىش، ئىستاتىستىكا قىلىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ۋە يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى داۋاملىق تەكلىپ سۇنسا بولىدۇ، تەكلىپ كومىتېتى بۇ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈپ تەكلىپ قىلىپ تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئىشخانىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئالاقىدار بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە سۇنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى