تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئالتاي شەھىرىنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش بەيگە پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چۈ يۈەنيۈەن خەۋىرى، سۈرەتنى ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن): سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتنىڭ مەردانىلىقى، چەكسىز خۇشاللىققا تولغان كۈلكە ئاۋازلىرى ئىچىدە، 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئالتاي شەھىرىنىڭ 2020-يىللىق چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئات بەيگىسى ئالتاي شەھەرلىك بەيگە مەيدانىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

  پائالىيەت 1-ئاينىڭ 2-كۈنى رەسمىي باشلانغان، ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت مەزگىلىدە، قىز قۇۋار، ئات ئۈستىدە كۈمۈش تېرىش، ئوغلاق تارتىشىش، كۆمەي، ئاقىنلار ئېيتىشىشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نومۇرلار ئورۇندالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بەش كىلومېتىر، 10 كىلومېتىر، 15 كىلومېتىر ۋە 20 كىلومېتىرلىق ئات بەيگىسى ئۆتكۈزۈلدى. بەيگە مەيدانى مەركىزىگە تەسىس قىلىنغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە 22 كىگىز ئۆيگە قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە ئۆزگىچە نازۇ-نېمەتلەر لىققىدە تىزىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ئالتاي شەھىرىنىڭ قار-مۇز جىلۋىسى ۋە ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادىتى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئىنتايىن ياخشى جاي بىلەن تەمىنلىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى «ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ساياھەت +» «تەنھەرىكەت +» قاتارلىق خاس ماركىلارنى بەرپا قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 2-نۆۋەتلىك گېباۋما گۈل دېڭىزى مەدەنىيەت بايرىمى، جۇڭگو. ئالتاي تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئالتۇن، گۆھەر، قاشتېشى مەدەنىيەت بايرىمى، 14-نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت سودا كۆرگەزمىىسى، 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو. ئۈچ شىمال ئولىمپىك قار تېيىلىش. ئالتاي ئىنسانلار قار تېيلىشى باشلانغان جاي قەدىمىي ۋە زامانىۋى دالىدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق بايرام، پائالىيەت، مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزدى، 2019-2020-يىللىق قار پەسلىدە يەنە داۋاملىق تۈردە قېيىن ئورمان باغچىسى نۇر كۆرگەزمىسى، قار ئويما مۇسابىقىسى، ئىنسانلار قار تېيىلىشى باشلانغان جاي خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى، يۈەنشىياۋ پانۇس كېچىلىكى ۋە يۈرۈشلۈك قار-مۇز مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالتاينىڭ ساياھەت كەسپىدە ساغلام تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى