تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مول كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىنى نامايان قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلدى

مول كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىنى نامايان قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار چۈشەندۈرۈش ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 - يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ. سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ نەمۇنىلىك سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق، بارلىق ئەزالارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى يىغىننىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق ئەزالارنى بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يىغىننى باشتىن - ئاخىر ياخشى ئېچىشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يىغىننىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يىغىندا سۆز قىلىش، دوكلاتقا قاراپ چىقىش، تەكلىپ يېزىش، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈپ، مول كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىنى نامايان قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركىزىي ھالقىنى ئىگىلەپ، قوش يۆنىلىشكە كۈچەشنى يىغىننىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يىغىننىڭ باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە قوش يۆنىلىشكە كۈچەپ، قاراپ چىقىش، مۇزاكىرە قىلىش جەريانىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالىرىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يىغىن ئىستىلى، يىغىن ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى يىغىننىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق يىغىننىڭ توغرا كەيپىياتقا تولۇشى، خۇشال، ئازادە كەيپىياتتا ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ