تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ياڭ جىجيەن: ئۆز تېنى بىلەن مۇستەھكەم ئىستىھكام قۇرۇش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇنمىڭ، 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر زېڭ ۋېي) ھەر يىلى چىڭمىڭدا، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ خۇڭخې خانىزۇ - يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى كەييۈەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان خەلق ساقچىلىرى ۋە ياردەمچى ساقچىلارنى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان «پېشقەدەم ساقچىخانا باشلىقى» − ياڭ جىجيەنگە تەزىيە بىلدۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ. 23 يىل ئىلگىرى، ئۇ جىنايەتچىنى تۇتۇۋاتقاندا ئاممىنى قوغداش ئۈچۈن، گىراناتنى پارتلاتماقچى بولغان جىنايەتچىگە كەسكىنلىك بىلەن ئېتىلىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئاران 31 ياشتا ئىدى.

ياڭ جىجيەن، جۇاڭزۇ، 1965 - يىلى يۈننەن كەييۈەندە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1985 - يىلى 3 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1990 - يىلى 2 - ئايدا كەييۈەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ياڭجيې ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن، 1992 - يىلى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن، خۇڭخې ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىر قېتىم تەقدىرلەنگەن، «ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان، 1994 - يىلى 2 - ئايدا كەييۈەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ياڭجيې ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن ھەم شۇ يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

خەۋپ - خەتەر ئالدىدا، باتۇر، قورقماس ياڭ جىجيەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئالدىدا مېڭىشقا ئادەتلەنگەن. 1996 - يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتە، ياڭ جىجيەن سەپداشلىرى بىلەن بىللە ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ قايتىش يولىدا بىر قارا نىيەتنىڭ ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن ئاممىنىڭ ئولىشىۋالغانلىقىنى بايقىغان. ياڭ جىجيەن دەرھال ئالدىغا بېرىپ توسقان ھەم قارا نىيەتكە قانۇن بويىچە ساقچىخانىغا چاقىرتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ ۋاقىتتا ياۋۇزلۇقتا ئۇچىغا چىققان قارا نىيەت تۇيۇقسىز بېلىگە قىستۇرۇۋالغان ئىس چىقىپ تۇرغان بىر گىراناتنى تارتىپ چىقىرىپ، ئەتراپتىكى ئاممىغا ئاتماقچى بولغان.

ئەتراپتىكى ئامما بىلەن سەپداشلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا ياڭ جىجيەن قىلچە ئىككىلەنمەي شىددەت بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ، قارا نىيەتنىڭ گىرانات تۇتقان قولىنى چىڭ تۇتۇۋالغان، بۇنىڭ بىلەن قارا نىيەت گىراناتنى ئاممىغا ئېتىشقا ئامالسىز قالغان. غايەت زور ئاۋاز بىلەن تەڭ گىرانات پارتلاپ، قارا نىيەت نەق مەيداندا ئۆلگەن، ئەتراپتىكى ئامما بىلەن سەپداشلار قۇتقۇزۇۋېلىنغان، ياڭ جىجيەننىڭ باش قىسمى ھەم بەدىنىنىڭ 30 نەچچە يېرى يارىلانغان، ۋاقتىدا يېزىلىق شىپاخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، يارىسى بەك ئېغىر بولغانلىقتىن شۇ كۈنى سائەت 15تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

بۇ، ياڭ جىجيەننىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇزاق بىرقانچە سېكۇنت ئىدى، لېكىن ئۇ مۇشۇ بىرقانچە سېكۇنتتا، ئۆزىنىڭ تېنى بىلەن ئەتراپتىكى ئاممىنى قوغدايدىغان بىر مۇستەھكەم ئىستىھكام قۇردى.

ياڭ جىجيەننىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىق قايغۇلۇق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ياڭجيې يېزىسى ۋە داجۇاڭ يېزىسىدىكى كادىرلار، ئامما ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان، جەڭ قىلغان سەپداشلىرىنىڭ ھەممىسى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمگەن. 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، نەچچە مىڭ كادىر، ئامما ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، قەھرىتان سوغۇق، مۇزدەك شامالغا قارىماي، نەچچە ئون چاقىرىم يىراقلىقتىن دەپنەخانىغا كېلىپ، خىزمىتىگە سادىق، شەخسىيەتسىز، قورقماس، ئامما بىلەن سەپداشلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن باتۇرلارچە قۇربان بولغان ياڭ جىجيەننىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالاشتى.

ياڭ جىجيەن ئىش ئورنىنى سۆيەتتى، كەسپىنى قەدىرلەيتتى. تەۋەلىكىدىكى دۈشمەن ئەھۋالى، جەمئىيەت ئەھۋالى مۇرەككەپ بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا، ئۇ بارلىق خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ ئاساسىي قاتلام ئۇل قۇرۇلۇشى ۋە ئامما مۇداپىئە كۆرۈش، ئامما تۈزەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەخسۇس كۈرەش ۋە قاتتىق زەربە بېرىپ تۈزەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ ھەر خىل جىنايى پائالىيەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، تەۋەلىكىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغان. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن 105 جىنايى ئىشلار دېلوسىنى پاش قىلىشقا قاتنىشىپ، 506 ئامانلىق دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 77 قېتىملىق ئاممىۋى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئامانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان، ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان.

1997 - يىلى 5 - ئايدا، يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يولداش ياڭ جىجيەنگە ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تولۇقلاپ نام بەرگەن؛ 1997 - يىلى 9 - ئايدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يولداش ياڭ جىجيەنگە 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى، دەپ تولۇقلاپ نام بەرگەن.

ياڭ جىجيەن قۇربان بولغاندا، ئوغلى ياڭ مېڭنەن ئاران ئالتە ياشتا ئىدى، ئۇنىڭ دادىسىغا بولغان خاتىرىسى پەقەت «دادام بەك ئالدىراش، ئۆيگە ناھايىتى ئاز قايتىدۇ...»دىلا توختاپ قالغانىدى. چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئانىسىدىن، دادىسىنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن ئاڭلاپ، دادىسىنىڭ باتۇر، قورقماس ساقچى ئوبرازى ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن، بۇ، ياڭ مېڭنەننى دادىسىغا ئوخشاش بىر ساقچى بولۇش ئىرادىسىگە كېلىشكە رىغبەتلەندۈرگەن.

2009 - يىلى، ياڭ مېڭنەن يۈننەن ساقچى ئوفىتسېرلار شۆيۈەنىنىڭ تەھقىقلەش كەسپىگە قوبۇل قىلىندى، ئوقۇشنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دادىسى ھايات ۋاقتىدا ئىشلىگەن ئورۇن − كەييۈەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولدى.

بۇ يىل ياڭ مېڭنەننىڭ ساقچى بولغىنىغا بەش يىل بولدى، ھازىر ئۇ كەييۈەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ساقچى ئىشلىرى كاپالىتى ئىشخانىسىنىڭ ئىشخانا خادىمىدىن تەدرىجىي مۇستەقىل ئىش قىلالايدىغان كەسىپ ماھىرىغا ئايلاندى. «مەن قەھرىمان نەمۇنىچىنىڭ ئوغلى، دادامنىڭ يۈزىنى تۆكسەم بولمايدۇ!» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى