تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ئالاھىدە رايوننىڭ بىرىنچى سېپىدە قۇربان بولغان جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى قەھرىمان نەمۇنىچى − لىن سۇڭرۇڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فۇجوۋ، 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر چېن خۇڭيى) «22 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ كۆرۈنۈشنى ئەسلىسەم قەلبىم يەنىلا ئۆرتىنىدۇ.» ئىنقىلابىي قۇربان، شيامېن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى جىمىي چوڭ ئەترىتىنىڭ بۆلۈم خادىمى لىن سۇڭرۇڭ بىلەن بىللە كۈرەش قىلغان خەلق ساقچىسى ليەن ۋېنيۈەن مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا ئەمدىلا 26 ياشقا كىرگەن سەپدىشىم بىر قوراللىق قارا نىيەتنى تۇتۇش يولىدا بەختكە قارشى بىرىنچى سەپتە قۇربان بولغان.

لىن سۇڭرۇڭ، 1971 - يىلى تۇغۇلغان، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چياڭتەي ناھىيەسى ۋۇئەن بازىرىدىن. 1995 - يىلى جىمىي داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شيامېن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىمىي چوڭ ئەترىتى داچياۋ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى بولغان.

1997 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سائەت يەتتىلەردە، لىن سۇڭرۇڭ بىلەن ليەن ۋېنيۈەن شيامېن جىمىي سۈنسو قاراۋۇلخانىسىدا دىجورنىلىق قىلىۋاتاتتى، ئۇلار تۇيۇقسىز سىرتتىكى «بۇلاڭچى، قۇتقۇزۇڭلار...» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان. بىر تاكسى شوپۇرى ھودۇققىنىچە ئالاقزادە بولغان ھالدا ئامانلىق ساقلاش قاراۋۇلخانىسىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ قوراللىق بىر قارا نىيەت تەرىپىدىن بۇلانغانلىقىنى ئېيتىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان.

لىن سۇڭرۇڭ ئالدى بىلەن قاراۋۇلخانىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇچىسىغا سۇس سېرىق رەڭلىك چاپان كىيگەن ياش ئەرنىڭ يول بويىغا توختىتىپ قويۇلغان بىر تاكسىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئالدىراپ - تېنەپ ئۇدۇلدىكى سۈنسو ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى تەرەپكە قاچقانلىقىنى كۆرگەن.

سۈنسو كەنتىدە ئاچا يول بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، لىن سۇڭرۇڭ بىلەن ليەن ۋېنيۈەن بۆلۈنۈپ قوغلىغان. بىر دېھقاننىڭ ھويلىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە لىن سۇڭرۇڭ قارا نىيەتنى قوغلاپ يېتىشىۋالغان.

«قورالنى تاشلا، قارشىلىشىشنى توختات...» لىن سۇڭرۇڭ ئۇ ئەرنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئەقلىنى يوقاتقان قارا نىيەت قورالنى چىقىرىپ لىن سۇڭرۇڭغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. لىن سۇڭرۇڭنىڭ قورسىقىغا ئوق تەگكەن، لېكىن ئۇ قەيسەر ئىرادە ۋە ئىنتايىن زور چىدامچانلىق بىلەن قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، قولى بىلەن يارا ئېغىزىنى بېسىپ داۋاملىق ئالدىغا قاراپ نەچچە مېتىر قوغلىغان، ئاخىر بەرداشلىق بېرەلمەي يىقىلغان. يارىسى ئېغىر بولغاچقا، لىن سۇڭرۇڭ شۇ كۈنى چۈشتە قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇپ، ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان.

«ئۇ ناھايىتى قىزغىن ئىدى، ھەمىشە بىزگە، ئاممىغا ياردەم بېرەتتى.» سەپدىشىنى تىلغا ئالغاندا ليەن ۋېنيۈەن ئىنتايىن قايغۇرىدۇ. بىر قېتىم بىللە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا چىققاندا، بىر ئانا - بالىنىڭ يول بويىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. لىن سۇڭرۇڭ ئالدىغا بېرىپ، نېمە ئىشلىقىنى سورايدۇ، بۇ ئايال بالىسىنى ئېلىپ شاڭخەيگە ئېرىنى ئىزدەپ ماڭغان ئىكەن، نەتىجىدە يېرىم يولدا ھەميېنىنى يىتتۈرۈپ قويۇپ يېنىدا بىر تىيىنمۇ قالماپتۇ، تاماق يېمىگىنىگە بىر كۈن بوپتۇ. لىن سۇڭرۇڭ دەرھال ئانا - بالىغا يېمەكلىك ئېلىپ بېرىپ، ئارقىدىن 200 يۈەن چىقىرىپ بۇ ئانا - بالىغا پويىز بېلىتى ئېلىپ بېرىدۇ. «شۇ چاغدا بىزنىڭ بىر ئايلىق مائاشىمىزمۇ ئاران 1000 يۈەن ئىدى» دېدى ليەن ۋېنيۈەن.

ئۇ ئاممىغا ئىنتايىن قىزغىن بولۇپلا قالماي، خىزمەتداشلىرىغىمۇ شۇنداق قىزغىن ئىدى. 1995 - يىلى، ليەن ۋېنيۈەن يېڭىلا خىزمەتكە قاتنىشىپ لىن سۇڭرۇڭ بىلەن ھەمراھ بولغان. «شۇ چاغدا مەن خىزمەتكە ئانچە پىششىق ئەمەس ئىدىم، ئۇ دائىم ماڭا يېتەكچىلىك قىلاتتى.» ليەن ۋېنيۈەن مۇنداق دېدى: ئادەتتە خىزمەتتە كىمنىڭ جىددىي ئىشى چىقىپ قېلىپ، ئىسمېنا ئالمىشىش، ئورنىغا ئىشلەپ بېرىشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، لىن سۇڭرۇڭ ھېچنېمە دېمەستىن بىرىنچى بولۇپ چىقاتتى.

«ئۇ قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ياتاقتىكى يوتقىنى، شەپكىسى، كىيىملىرىنى مەن ئۈچ يىل شۇ پېتى قويۇپ قويدۇم، ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە كۆزۈم قىيمىدى...» ليەن ۋېنيۈەن ئازابلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بەزىدە ياتاققا قايتىپ كەلگەندە ئۇنى يەنە شۇ جايدا ئولتۇرغاندەك ھېس قىلاتتىم.

لىن سۇڭرۇڭ قۇربان بولغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى ھەم فۇجيەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنقىلابىي قۇربان دەپ نام بېرىلدى. ھەر يىلى چىڭمىڭدا، شيامېن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكىلەر قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قۇربان بولغان جامائەت خەۋپسىزلىكى قەھرىمانلىرىنى ياد ئېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىنقىلابىي قۇربان لىن سۇڭرۇڭمۇ بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى