تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

2019- يىلى پۈتۈن شىنجاڭدا A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 45ى يېڭىدىن كۆپەيدى

پامىر ساياھەت رايونى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ گاڭ، يۈەن لېينىڭ 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، 2019 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭدا A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 45ى يېڭىدىن كۆپەيگەن، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى پامىر ساياھەت رايونى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلغان. نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭ(بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن جەمئىي 13ى بار ئىكەن.

2019 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭدا 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن بىرى، 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 13ى، 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 23ى، 2A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن سەككىزى يېڭىدىن كۆپەيگەن. يەنە 16 مەنزىرە رايونى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلتىماس قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە قاراماي موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، گۇچۇڭ جامبۇلاق مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنىڭ كۈچەش باسقۇچىغا كىرگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش سالمىقىنى زورايتتى. 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى قېيىن ئورمان باغچىسى مەنزىرە رايونى، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى جۇڭگو - رۇسىيە كونا پىرىستان ئۆرپ - ئادەت باغچىسى مەنزىرە رايونى قاتارلىق 11 مەنزىرە رايونى شىنجاڭدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىشتىن ئۆتۈپ، 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى.

كۆپ خىل ساياھەت بايلىقى شىنجاڭنى ساياھەتچىلەر تەلپۈنىدىغان جايغا ئايلاندۇردى. مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى، كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى ۋە ئېتىبار سىياسەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى، A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019 - يىلى 11 - ئايدا قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %135.94 ئاشقان، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %101 ئاشقان.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەنزىرە رايونلىرىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاگاھلاندۇرۇلغان، چەكلىك مۇددەتتە تۈزىتىلىدىغان مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىگە ئىز قوغلاپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىپ، «كىرەلەيدىغان - چىقالايدىغان، يۇقىرىغىمۇ چىقالايدىغان، تۆۋەنگىمۇ چۈشەلەيدىغان» بولۇشتەك ھەرىكەتچان باشقۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئۆلچەم بويىچە ئاڭلىق ھالدا مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ساياھەت مۇلازىمىتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىن قول سېلىپ، A دەرىجىلىك 39 مەنزىرە رايونىنى باھالاپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى ھەم ئۈچىنچى تەرەپكە 4A دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەنزىرە رايونىدىن 23نى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ قايتا تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلدى. 4A دەرىجىلىك بىر مەنزىرە رايونىنىڭ سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، 4A دەرىجىلىك ئۈچ مەنزىرە رايونىنى ئاگاھلاندۇردى ھەم چەكلىك مۇددەتتە تۈزىتىشكە بۇيرىدى، 4A دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى توققۇز مەنزىرە رايونىنى چەكلىك مۇددەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇدى. بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇلازىمىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى ئۆستى. 2019 - يىلى 11 - ئايدا، رازى بولۇش دەرىجىسى %98.62 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

2020 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ساياھەت ئىستىراھەت رايونى ۋە ئېكولوگىيە ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ سانىنى 15كە، 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنى 100گە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى