تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بايىنغولىن ئوبلاستى: «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى خەلققە قولايلىق ياراتتى، كارخانىلارغا پايدا يەتكۈزدى

− دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ ۋېنخۇا

2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، كورلا شەھەرلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت زالىدا، شەھەر ئاھالىسى بەي شياۋچىن بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇلازىمەت كۆزنىكىگە كېلىپ تىجارەت كىنىشكىسى بېجىردى. ئاپتوماتىك ماشىنىدا تىزىملاش ئۇچۇرىنى تولدۇرۇش، ماتېرىيال تاپشۇرۇش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ... ئون مىنۇتتىن كېيىن، بەي شياۋچىن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالدى. «ھازىر تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىش بەكمۇ تېز ئىكەن، ھەقىقەتەن ئويلاپ باقماپتىمەن!» دېدى بەي شياۋچىن.

ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، تالون كەستۈرگىلى كەلگەن شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ يۇڭ باج ئىشلىرى زالىدا ئىككىلىك كودنى سېكاننېرلاپ، «شىنجاڭ باج ئىشلىرى» APP سىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، يان تېلېفوندىلا تالون كەستۈردى. «بۇنىڭدىن كېيىن تالون كەستۈرمەكچى بولسام باج ئىشلىرى زالىغا كەلمەي، ئۆيدىلا بېجىرسەم بولىدىكەن» دېدى ۋاڭ يۇڭ.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىغا پايدا يەتكۈزۈشتەك فۇنكسىيەلىك ئورنىنى زىچ چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈم ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتە نەتىجە يارىتىشنى مۇستەھكەملىدى.

«بىر ئىشىك، بىر كۆزنەك، بىر قېتىم» ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلدى. بايىنغولىن ئوبلاستى كارخانىلار بىلەن ئاممىنىڭ «بىرلا ئىشىكتىن كىرىپ، ھەممە ئىشنى بېجىرىش»ىنى نىشان قىلىپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىشلىرى تىزىملىكىدىن 1050نى رەتلەپ ۋە ئېلان قىلىپ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق 24 تارماقنىڭ 397 تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىشىنى ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن توردىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركەزلىرى مەركەزلىك بىرتۇتاش بېجىردى. «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش» ئەندىزىسى بويىچە، ئەسلىدىكى ئىش بېجىرىش زالىدىكى 208 كۆزنەكنى 168گە ئىخچاملاپ، «ئالدى سۇپىدا ئۇنىۋېرسال قوبۇل قىلىش، ئارقا سۇپىدا تۈرگە ئايرىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، بىرتۇتاش كۆزنەكتە ھۆججەت چىقىرىش» يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلار بىلەن ئامما كۆپ جايغا قاتراش، كۆپ قېتىم قاتراشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

«بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش» ئىقتىدارى كېڭەيتىلدى. كارخانىلارنى تىزىملاشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كارخانىلارنى تىزىملاش ۋاقتى 20 خىزمەت كۈنىدىن ئۈچ كۈنگە قىسقارتىلدى. باجغا مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلىپ، مەركىزىي باج ئىشلىرى تور زالىنىڭ كەسىپ بېجىرىش نىسبىتى %85تىن ئېشىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ «ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ» باجغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بېجىرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئىش بېجىرىش تەرتىپى ئىخچاملاشتۇرۇلدى ۋە ئەلالاشتۇرۇلدى. كارخانىلار بىلەن ئامما ئىش بېجىرگەندە تاپشۇرىدىغان ماتېرىيال مۇندەرىجىسى، ئىش بېجىرىش ۋاقىت قەرەلى، ئىش بېجىرىش تەرتىپى بىر - بىرلەپ رەتلىنىپ ۋە ئىخچاملىنىپ، جەمئىي 322 تۈردىكى 1312 پارچە ئىلتىماس ماتېرىيالى قىسقارتىلدى، 472 تۈرنىڭ بېجىرىش ۋاقتى قىسقارتىلدى، 169 تۈرنىڭ بېجىرىش ھالقىسى ئاددىيلاشتۇرۇلدى، 231 تۈرنىڭ تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلدى. ئىش بېجىرىش كۆزنىكىنىڭ ھەممىسىدە ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپ كىرگۈزۈش قوللىنىلدى ھەم ھەقسىز نۇسخىلاش ماشىنىسى سەپلەندى.

كۆزنەكلەرنى ئەلالاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ياخشى تۇتۇلدى. بىر قېتىمدىلا ئۇقتۇرۇش، تۇنجى سورىغۇچى مەسئۇل بولۇش، چەكلىك مۇددەتتە بېجىرىپ بولۇش قاتارلىق تۈزۈملەر ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى؛ «كەم ماتېرىيالنى قالدۇرۇپ قوبۇل قىلىپ بېجىرىش» «خاتا ماتېرىيالنى قالدۇرۇپ بېجىرىش» قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمى نۇقتىدا سىناق قىلىپ يولغا قويۇلۇپ، ئالدىن كېلىشىش، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈش، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەت تۈزۈملىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى كۆزنىكىدە تەكشۈرۈپ باشقۇرۇش، قىزىل بايراق كۆزنىكى ئورۇنلىرىنى باھالاش تەپسىلىي قائىدىسى قاتارلىق تۈزۈملەر تاكامۇللاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم ئوبلاستلىق 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى قىزىق لىنىيە سۇپىسى تەسىس قىلىنىپ، ھەر تەرەپلىمە «1 - نومۇرلۇق ئاۋاز قوشۇش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، «بىر لىنىيە، بىر تور، بىر قوشۇن» بولۇشتەك يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈلدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي قىسىمدىكى رايونلار بەش كۈندە بېجىرىپ بولۇش، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بەش كۈندە بېجىرىپ بولۇش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا «كىنىشكا بېجىرىش تەس بولۇش» « ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇش» مەسىلىلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى