تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى: قارا مورلار تاماق ئۈستەللىرىگە چىقىپ، كەنت ئاھالىلىرى خۇشاللىققا چۆمدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسى يار قوتان كەنتىدىكى نامرات ئاھالە سالام ئىسمايىل ئۆستۈرگەن قارا مورلار ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسى قاراتاغ مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش مەركىزىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىدە ھازىر بولدى. سالام ئىسمايىلنىڭ ھەميىنى تومپىيىپ، چېھرىدە خۇشاللىق كۈلكىلىرى جىلۋە قىلدى.

  «سالام ئۆستۈرگەن قارا مورلار ئەتلىك، چۈرۈك بولغاچقا تەمى ياخشى، ئۆستۈرۈش جەريانىدا دېھقانچىلىق دورىلىرى چېچىلمىغان، ھەقىقىي يېشىل يېمەكلىك» دېدى قاراتاغ مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ نەن باش بارمىقىنى چىقىرىپ.

  كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يۈسۈپ ۋاھىتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ، قارا مور پارنىكىدىن 55 نى يېڭىدىن قۇرۇپ، 55 نامرات ئاھالىنى ئۆستۈرۈش ۋە يىغىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، دۆلەت قارا مور ئۇرۇقى ۋە ئاپتوماتىك پۈركۈپ سۇغىرىش سىستېمىسى بىلەن ، مۇتەخەسسىسلەر پۈتۈن مۇساپىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىگەن، خىزمەت ئەترىتى ئالاقىلىشىپ سېتىشقا ياردەم بېرىشكە مەسئۇل بولغان.

  «خىزمەت ئەترىتى ماڭا 2000 قارا مور ئۇرۇقىنى ھەقسىز بەردى، ئاپتوماتىك پۈركۈپ سۇغىرىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ بەردى، مەنمۇ تېمپېراتۇرا، نەملىكنى  كونتىرول قىلىش شۇنىڭدەك قانداق ئۈزۈش مەسىلىسىنى بىلىۋالدىم. بۇ يىل كۈزدە،  پارنىكىمدىن 2300 كىلوگىرام ھۆل قارا مور ھوسۇل ئالدىم، قۇرۇتقاندىن كېيىن 115 كىلوگىرام  مورنى پاكپاكىز سېتىپ، ئىنتايىن ياخشى كىرىم قىلدىم» دېدى سالام ئىسمايىل خۇشال ھالدا.

  كەنتنىڭ 1-شۇجىسى يۈ پېيجې مۇنداق دېدى: «قارا مور كەسپى قەدەممۇ قەدەم تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ قالدى.»

  (ماقالىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسى يار قوتان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن جاڭ جۇەن، لى نونا تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ