تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى تۇنجى فوتو ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئېلېكتىر تورىغا بىرىكتۈرۈلۈپ توك چىقىرىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ پېيگېن، لى خۇا، ساۋ رۈيدې خەۋىرى، فوتوسى): 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت نۆلدە، شىنجاڭدىكى تۇنجى قۇياش ئېنېرگىيەلىك فوتو ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىغا بىرىكتۈرۈلۈپ توك چىقىرىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  1-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى قومۇل توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، قومۇل ئېلىمىزنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقى ئەڭ ياخشى بولغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، چۆللۈك، ئوتلاق كۆلىمى چوڭ، پايدىلىنىشقا بولىدىغان يەر كۆلىمى كەڭ، ئېلىمىزنىڭ فوتو ئىسسىقلىقىنى ئېچىش شارائىتى ئەڭ ياخشى بولغان رايونلارنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ فوتو ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسى قومۇل شەھىرى ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نوم بازىرى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى فوتو ئىسسىقلىق توك تارقىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى تۇنجى فوتو ئىسسىقلىقى توك تارقىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈرنى جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى رەسمىي قۇرۇلۇش باشلانغان، تۇنجى قارارلىق قۇرۇلۇش 50 مىڭ كىلوۋات ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ