تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىلى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى: ماھارەت تەربىيەسى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى

− دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىرى شى شۆخۇڭ

قانداق قىلىپ ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى، ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى مەسىلە يۆنىلىشىنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەكشۈردى.

غۇلجا شەھىرىنىڭ كېپەكيۈزى يېزىسى نىلقا كەنتى مەھەللىسى 2018 - يىلى 12 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئارتۇق ئەمگەك كۈچى كۆپ، ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى ئاز ئىدى. ئىلى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى بۇ مەھەللىگە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنى تۇرۇشقا ئەۋەتكۈچى ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مەھەللىدىكى ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تىرىشىش يۆنىلىشى قىلدى. ئىلى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىش، ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مەھەللىنىڭ ئىلى مايى ئۆي ئىشلىرى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى غۇلجا شۆبە شىركىتىنى قۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ، 60تىن ئارتۇق ئائىلە ئايالىنىڭ بىر تۈرلۈك ماھارەت ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.

مەھەللە ئاھالىسى زۇلپىيەم ھۇشۇر مۇخبىرلارغا ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىقىنى، ئىقتىسادىي كىرىمى يوقلۇقىنى، بۈگۈنكى كۈندە مەھەللىنىڭ ئۆي ئىشلىرى شىركىتى قۇرۇپ، ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتكەنلىكىنى، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىلى مايى ئۆي ئىشلىرى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى جۈەن مۇنداق دېدى: «ئىلى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق بىز شىركەتنى كەنت، مەھەللىلەردە ئېچىپ، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللەپ تەربىيەلىدۇق ھەم ئۇلارنى پائال ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىدۇق، بۇنىڭ بىلەن ھەم شىركەتنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق، ھەم ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدۇق».

ئىلى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئادىلجان ئەخمەت مۇنداق دېدى: «باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بىز مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تۈزىتىشنى قاتتىق تۇتتۇق، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى زورايتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق».

شۇ جايدىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى سىجىل مۇقىم ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، يېزىلاردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقى يېتىشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئىلى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى يېزا - بازار، كەنت ئېلېكتىرونلۇق سودا تۈرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ھەر قايسى ئېلېكتىرونلۇق سودا نۇقتىلىرى، يېزا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ مەسئۇل ۋەكىللىرى بولۇپ جەمئىي 170 تىن ئارتۇق كىشىنى تەربىيەلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ يول ئارقىلىق يېڭىدىن 861 ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى