تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ پامىر ساياھەت رايونىنىڭ دەرىجىسى 5A غا ئۆستۈرۈلدى، ھازىر كىرىش بېلىتى+ رايونلار ئارا ئاپتوموبىل باھاسىدا ئېتىبار بېرىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى): 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ پامىر ساياھەت رايونى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىدە، خىزمەتچى خادىم لەيلىگۈل رىيانشاھ ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە مەنزىرە رايونىنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قىزغىنلىق بىلەن تونۇشتۇرۋاتاتتى، «رايونلار ئارا ئاپتوموبىلنىڭ نورمال باھاسى 100 يۈەن ئىدى، ھازىرقى ئېتىبار باھاسى 50 يۈەن.» 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، دۆلەت مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە 22 ساياھەت مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلدى، بۇ شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پامىر ساياھەت رايونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ ئېلان قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، پامىر ساياھەت رايونى 2015-يىلى 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغاندىن كېيىن، ئىزچىل تۈردە مەنزىرە رايونى بەلگە تاختىسى، ساياھەت پۇقراۋى تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىغان ھەمدە دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنى باھالاپ بېكىتىش تەلىپى بويىچە مەنزىرە رايونىنى تەڭشىگەن، نۆۋەتتە، بۇ مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلىپ، ئېلان قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن. 

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 3.1 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تاش شەھەر مەنزىرە رايونى، جىنساۋتەن، سەييۈن رېنجيا مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەنتى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى، ساياھەت مال سېتىۋېلىش مەركىزىدىن ئىبارەت بەش چوڭ رايوندىن تەشكىللەنگەن، 2014-يىلى دۆلەت تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە تۇنجى «خەلقئارا ئېگىزلىك مەنزىرىسى ساياھەت مەنزىلى» دېگەن نام بېرىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى